3. كۈلكە – چاقچاق
ئاللاھ تائالا ئىنساننى چارچاش، ئۇخلاش، كۈلۈش، يىغلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ياراتقان[1]. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنى ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىش ۋە مەسئۇللۇقىدىكى باشقا ئىنسانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەشكە بۇيرۇغان[2].
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان داۋاملىق ئويلايدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، پىلانلايدۇ ۋە ئىشلەيدۇ[3]. ئۇ، بۇ مۇشەققەتلىك ھاياتىدا چارچايدۇ، سۆيۈنىدۇ ۋە قايغۇرىدۇ. چارچىغاندا ئارام ئېلىش، سۆيۈنگەندە كۈلۈش ۋە قايغۇرغاندا يىغلاش ئۇنىڭ تەبىئىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بۇ ئىشلاردىن مەنئى قىلىنمايدۇ، بەلكىدە مۇئەييەن چەك – چېگرا ئىچىدە قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئارام ئېلىش ھۇرۇنلۇقنى، كۈلۈش گۇناھ ياكى مەسخىرە قىلغانلىقنى، يىغلاش سەۋر قىلمىغانلىقنى ئىپادىلىمىسىلا، ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ[4].
كۈلكە – كۈلۈشنىڭ نەتىجىسى بولغان ئاۋاز، چاقچاق – كۈلۈشكە سەۋەبچى بولىدىغان قىزىقارلىق گەپ ياكى ھەرىكەت دېمەكتۇر. يۇمۇر، كۈلدۈرگە ۋە كومېدىيەلەر بىرەر چاقچاق تۈرىدۇر. ئىتوت بولسا بىر تۈرلۈك تىياتىردۇر[5]. بۇلارنى يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بويىچە مۇئەييەن چەك – چېگرالار ئىچىدە يېزىش، سەھنىلەشتۈرۈش، ئىجابىي ۋە سەلبىي رول ئېلىپ ئويناش ۋە قاتنىشىشقا بولىدۇ. ئۇ چەك – چېگرالار تۆۋەندىكىچە:
- يالغاندىن ساقلىنىش. چۈنكى يالغان ئېيتىش گۇناھتۇر[6]. بىرەر پەزىلەتنى مەدھىيەلەپ ياكى بىرەر رەزىللىكنى قامچىلاپ قىزىقارلىق قىلىپ يېزىلغان سەھنە ئەسىرىنى ئورۇنلاش باشقا، كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان ئېيتىش باشقىدۇر. مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت تۆۋەندىكىچە:
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان ئېيتقان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي!»[7].
- بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىشتىن ساقلىنىش. چۈنكى غەيۋەت قىلىش ۋە مەسخىرە قىلىش گۇناھتۇر[8].
- ئىسلامىي ۋەزىپىلىرىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك. چۈنكى ئىسلام «ساقلاشقا تېگىشلىك بەش زۆرۈر نەرسە»نىڭ بىرىدۇر[9]. شۇنداقلا مۇسۇلمانلىقنىڭ شەرتىدۇر.
- ئىسلامغا ياكى ئىسلامىي تەۋەررۈكلەرگە تەنە – ھاقارەت قىلىشتىن ساقلىنىش. چۈنكى ئۇلارغا تەنە – ھاقارەت قىلىپ چاقچاقلىشىش كۇفرىلىقنىڭ ئالامىتىدۇر[10].
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 251 – 252.
[1] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 83 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 92 – ۋە 120 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 71 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 16 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 62 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 58 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 19 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 43 – ئايەت؛ 78 – سۈرە نەبەئـ، 9 – ئايەت.
[2] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 10 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 12 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 73 – ئايەت؛ 78 – سۈرە نەبەئـ، 11 – ئايەت؛ 67 – سۈرە مۇلك، 15 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 ~ 34 – ئايەتلەر؛ 2 – سۈرە بەقەرە، 198 – ئايەت. 17 – سۈرە ئىسرا، 26 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 38 – ئايەت؛ 51 – سۈرە زارىيات، 19 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 25 – ئايەت.
[3] قاراڭ: 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 6 – ئايەت.
[4] 4 – سۈرە نىسا، 71 – ۋە 72 – ئايەتلەر بىلەن 9 – سۈرە تەۋبەنىڭ 38 – ئايىتىدە ھۇرۇنلۇقتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان. 9 – سۈرە تەۋبە، 81 – ۋە 82 – ئايەتلەردە گۇناھ ھېسابلىنىدىغان كۈلۈش بايان قىلىنغان. 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 110 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 47 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 59 – ۋە 60 – ئايەتلەر؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 29 – ئايەت قاتارلىق ئايەتلەردە مەسخىرە ھېسابلىنىدىغان كۈلۈش بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇسىبەت ۋە ئېغىرچىلىق ئالدىدا سەۋر قىلىشقا بۇيرۇغان (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 45 – ۋە 153 – ئايەتلەر؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 200 – ئايەت)، بىر – بىرىگە سەۋر قىلىشنى تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرگەن (قاراڭ: 90 – سۈرە بەلەد، 17 – ئايەت؛ 103 – سۈرە ئەسر، 3 – ئايەت). يىغلاش نورمالدىن ئېشىپ كەتسە ئەنە شۇ سەۋر قىلىشقا بولغان ئىلاھى ئەمىر ۋە تەۋسىيەلەرگە خىلاپ كېلىدۇ.
[5] قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيەسى، «فكھ»، 2: 699، «مەلھاھ»، 2: 843، «ھزل»، 2: 985؛ ئابلىز ياقۇب ۋە باشقىلار، «كومېدىيە»، 899، «كۈلدۈرگە»، 928، «ئىتوت»، 1310، «يۇمۇر»، 1416.
[6] يالغان ئېيتىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكى بۇ كىتابنىڭ «گۇناھلار» بۆلۈمىدە بايان قىلىندى.
[7] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 88؛ تىرمىزى، «زۇھد»، 9؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 33: 244، 248، 262؛ دارىمى، «ئىستىئزان»، 66.
[8] قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 11 – ۋە 12 – ئايەتلەر.
[9] بۇ بەش نەرسە بۇ كىتابنىڭ «تەنھەرىكەت ۋە مۇسابىقە» بۆلۈمىدە بايان قىلىندى.
[10] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 65 – ۋە 66 – ئايەتلەر.