ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىپ تۇرايلى
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ٤١﴾
«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى» – (30 – سۈرە رۇم، 41 – ئايەت).
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بىز ھازىر شۇنداق بىر زاماندا ياشاۋاتىمىزكى، ئىچىمىزدە دىنىمىز ئىسلامنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا رىئايە قىلىنمىغان، تەقۋادارلىقنىڭ ئورنىنى پاسىقلىق، ياخشى ئەخلاقنىڭ ئورنىنى ناچار ئەخلاق ۋە پەزىلەتنىڭ ئورنىنى رەزىللىك ئىگىلىگەن. خالىقتىن قورقۇش، مەخلۇقتىن تارتىنىش كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاۋاتقان. ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارغان گۇناھلار قىلىنىۋاتقان.
بىزدىن ئادىللىق، راستچىللىق، مەردلىك، سەمىمىيلىك، ئادەمگەرچىلىك، كەمتەرلىك، باتۇرلۇق، قانائەتچانلىق، سەۋرچانلىق، ئەپۇچانلىق، ئېغىر بېسىقلىق قاتارلىق ياخشى ئەخلاقلارنى كۆرۈش، ھېس قىلىش ۋە تېپىش قىيىنلىشىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئارىمىزدا ئۇلارنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ قالغان.
يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، بېخىللىق، ھەسەتخورلۇق، پەسكەشلىك، ئاچكۆزلۈك، قىزىلكۆزلۈك، مەنمەنچىلىك، ماختانچاقلىق، ھاكاۋۇرلۇق، بوشاڭلىق، ھۇرۇنلۇق، تەمەخورلۇق، شەخسىيەتچىلىك قاتارلىق يامان ئەخلاقلار ھەر جايدا مەۋجۇت، شۇنداقلا بۇلارنىڭ بازىرى ناھايىتى قىزىپ كەتكەن.
دىنى تەلىماتلارغا بويسۇنماسلىق، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە رىئايە قىلماسلىق ئەۋجىگە چىققان. ئۆلۈم، قەبرە ھاياتى، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب، كىتاب، تارازا … قاتارلىق قىيامەت سەھنىلىرى خىيال ئېكرانلىرىمىزدىن ئۆچۈپ كەتكەن. نىيەت ۋە چۈشەنچىلىرىمىز، تەسەۋۋۇر ۋە خىياللىرىمىز، سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىمىز، مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىز بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتقا قارىتا شەكىللەنگەن.
ئەھۋالىمىز مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ ياشاش ساھەمىز بولغان قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كېلىپ بىزنىڭ يەر يۈزىدە ياشاش ئىمكانىيىتىمىز كۈن ئۆتكەنسېرى ئاز قېلىۋاتقان. يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەزمۇنى بويىچە بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە بەزى قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تېتىتىشىدۇر، خالاس. ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا أَصَابَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ٣٠﴾
«سىلەرگە قانداق مۇسىبەت يەتسە ئۆز قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يېتىدۇ. ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ» – (42 – سۈرە شۇرا، 30 – ئايەت).
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بىز بۇ دۇنيانىڭ پالاكىتى ۋە ھالاكىتىدىن، ئۇ دۇنيانىڭ دەھشىتى ۋە ئازابىدىن قۇتۇلۇش، يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بىر تەكشۈرەيلى، شۇنداقلا باشتىن-ئاخىر ئىسلاھ قىلايلى!
قەلبىمىزگە توغرا ئېتىقاد ۋە خالىس نىيەت يەرلەشسۇن، پۇت-قول ئەزالىرىمىزدىن سالىھ ئەمەللەر سادىر بولسۇن، تىلىمىز ھەقنى سۆزلىسۇن، دىلىمىز ھەقنى كۆزلىسۇن، كۆزىمىز ھەقنى كۆرسۇن، كۆڭلىمىز ھەقكە باغلانسۇن، يۈرىكىمىز ھەق ئۈچۈن سوقسۇن.
دوزاخ يولىنىڭ چۆرىسىدىكى مەنزىرىلەر، بۇ يولنىڭ تۈزلىكى ۋە يولۇچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىزنى ئالدىمىسۇن. جەننەت يولىنىڭ مۇشەققەتلىرى، يولدىكى داۋانلار ۋە بۇ يولدا ئالدىمىزغا چىققان ئىت-مۈشۈكلەر بىزنى ھاردۇرۇپ قويمىسۇن.
ئىنساننىڭ دىلى ئاپئاق بىر كىيىم ياكى پاكىز بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. ئۇ كىر بىلەن داغنى بەك تېز قوبۇل قىلىدۇ. تامامەن كىرلىشىپ بولغان قەلب سەتنى چىرايلىق، چىرايلىقنى سەت كۆرۈشكە باشلايدۇ. كېسەل ئادەمگە تاتلىق ئاچچىق تېتىغاندەك، مەنىۋى كېسەل ئادەمگىمۇ توغرا خاتا، راست يالغان كۆرۈنىدۇ. ئىش بۇ سەۋىيەگە يەتكەندە قەلب مۆھۈرلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. مانا بۇ چاغدا ئىنسان توغرا يولغا كېلەلمەيدۇ. قەلبىمىز بۇ ھالەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى قۇتقۇزۇۋالايلى.
قېرىنداشلار! شۇنى بىلىشىمىز لازىمكى:
كاپىر توغرىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنگەن، لېكىن توغرىغا بويسۇنمىغان كىشىدۇر. مۇناپىق توغرىغا بويسۇنغان، لېكىن توغرىغا ئىشەنمىگەن كىشىدۇر. مۇئمىن توغرىغا ئىشەنگەن، مۇسۇلمان توغرىغا بويسۇنغان كىشىدۇر. ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن كىشى بۇ دۇنيادىكى قىسقا مۇددەتلىك ھاياتىنى ھەم مۇئمىن، ھەم مۇسۇلمان بولۇپ ئۆتكۈزگەن كىشىدۇر. دېمەك، ئىسلامسىز ئىماننىڭمۇ پايدىسى يوق، ئىمانسىز ئىسلامنىڭمۇ پايدىسى يوق.
قۇرئان بىكارغا نازىل قىلىنغان كىتاب ئەمەس، پەيغەمبەر بىكارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئەمەس. تارىخ بويىچە ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلغان، قىينىلىپ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغان، ئاچ ۋە ئۇسسۇز قېلىپ روزا تۇتقان، يامان ئىشلارنى كۈچى يەتمىگەنلىكتىن ئەمەس، ئاللاھ چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن قىلمىغان كىشىلەر ئەخمەق ئەمەس.
«مۇئمىن» لىق قۇرۇق ئارزۇ بىلەن ھاسىل بولمايدۇ. «مۇسۇلمان» لىق يىلدا ئىككى قېتىم ھېيت نامىزى، ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزى ئوقۇپ قويۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. جەننەت شېرىن خىيال ۋە قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن ئەمەس، كەسكىن ئىمان ۋە توغرا ئىسلام بىلەن قولغا كېلىدۇ.
ئەسلىدە بىز مەخلۇقاتلارنىڭ ھۆرمەتلىكى «ئىنسان»، ئىنسانلارنىڭ ئەۋزىلى «مۇئمىن» لاردۇرمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھ تەئالانىڭ بىزنى «ئىنسان» لىقىمىز بىلەن ۋە «مۇئمىن» لىقىمىز بىلەن چاقىرىپ قىلغان مۇنۇ نىدالىرىغا قۇلاق سالايلى:
﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمْ وَاخْشَوْا يَوْمًا لَّا يَجْزِي وَالِدٌ عَن وَلَدِهِ وَلَا مَوْلُودٌ هُوَ جَازٍ عَن وَالِدِهِ شَيْئًا إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِاللَّهِ الْغَرُورُ٣٣﴾
«ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۇنداق كۈندىن قورقۇڭلاركى، ئۇ كۈنى ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ، بالىمۇ ئاتىسىغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالدىمىسۇن. ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن3.» – (31 – سۈرە لوقمان، 33 – ئايەت).
﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ اذْكُرُوا نِعْمَتَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ هَلْ مِنْ خَالِقٍ غَيْرُ اللَّهِ يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ فَأَنَّى تُؤْفَكُونَ٣﴾
«ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئۇ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟» – (35 – سۈرە فاتىر، 3 – ئايەت).
﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِاللَّهِ الْغَرُورُ٥﴾
«ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. سىلەرنى دۇنيا ھاياتى ئالدىمىسۇن. ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىمىسۇن1.» – (35 – سۈرە فاتىر، 5 – ئايەت).
﴿يَا أَيُّهَا الْإِنسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَى رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ٦ فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ٧ فَسَوْفَ يُحَاسَبُ حِسَابًا يَسِيرًا٨ وَيَنقَلِبُ إِلَى أَهْلِهِ مَسْرُورًا٩ وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ وَرَاءَ ظَهْرِهِ١٠ فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا١١ وَيَصْلَى سَعِيرًا١٢ إِنَّهُ كَانَ فِي أَهْلِهِ مَسْرُورًا١٣ إِنَّهُ ظَنَّ أَن لَّن يَحُورَ١٤﴾
«ئى ئىنسان! سەن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا بارغانغا قەدەر جاپالىق ئىشلەيسەن، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولىسەن. ئۇ چاغدا كىمنىڭ كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلسە، ئۇنىڭدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ، ئۇ ئەھلىنىڭ يېنىغا خۇشال ھالدا قايتىدۇ. كىمنىڭ كىتابى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلسە، ئۇ يوق بولۇپ كېتىشنى تىلەيدۇ. ۋە يالقۇنلاپ تۇرىدىغان ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ. چۈنكى ئۇ بىر زامانلار ئەھلىنىڭ ئارىسىدا خۇشال ئىدى. قايتا تىرىلىپ ھېساب بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى» – (84 – سۈرە ئىنشىقاق، 6 ~ 14 – ئايەتلەر).
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَّا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ٦﴾
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.» – (66 – سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت).
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَّصُوحًا عَسَى رَبُّكُمْ أَن يُكَفِّرَ عَنكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يَوْمَ لَا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ نُورُهُمْ يَسْعَى بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَاغْفِرْ لَنَا إِنَّكَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ٨﴾
«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرنىڭ يامانلىقلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىشى ۋە سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىشى مۇمكىن. ئۇ كۈنى ئاللاھ نەبىينى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بولغان مۇئمىنلارنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يۈگۈرىدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى تامام قىلغىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ» – (66 – سۈرە تەھرىم، 8 – ئايەت).