قۇرئان يولى
ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشەمدۇ؟ 1

ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشەمدۇ؟

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۇقەددىمە

مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «زامانى ئاخىردا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ» دەيدىغان بىر ئېتىقاد بار. بۇ ئېتىقاد بەزى «ئەقىدە كىتابلىرى»، تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىرىغا يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىملىرىگىمۇ تىرناق ئىچى ئىپادىلەر بىلەن كىرگۈزۈلگەن. شۇڭا ئۇ ئېتىقاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان ئاساسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن قايسى مىللەت، قايسى ئىرقتىن بولسا بولسۇن، يەر شارىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ھەر مۇسۇلمان جەمئىيىتى «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

تۆت خەلىپىدىن كېيىن سىياسىي جەھەتتىن سۈننىي ۋە شىيئە دەپ ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننىي تارمىقىنى تەشكىل قىلغانلارنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ياشاش ئىمكانى بەرمىگەن بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلىقى بىلەن ئالداپ، 700 يىلدىن ئارتۇق ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان ئەمەۋىي ۋە ئابباسىي پادىشاھلىرى، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىگە ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى ۋە يالاقچى ئالىملار بىلەن بىرگە قەدىمكى ساسانىيە ۋە ۋىزانتىيە دۆلەتلىرىدىن قالغان يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دۆلەت خادىملىرىنى قويغان.

بىر تەرەپتىن ساھابە ۋە تابىئىنلەرنىڭ تولىسى ئىسلامنى تەبلىغ قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئىلمىي خىزمەت ئىشلىرى (يېزىش ئىشلىرى) ئاساسى جەھەتتىن ئەسلى ئەرەب بولمىغان، لېكىن سېتىلىش ياكى ئەسىرگە چۈشۈش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ساھابىلارنىڭ قول ئاستىدا تۇرۇپ كېيىن ئازاد قىلىۋېتىلگەن قۇللار «مەۋالىي»لارغا قالغان.

يەنە بىر تەرەپتىن ھەقىقەتنى سۆزلەيدىغان، خەلىپىلەرنىڭ خاتا سىياسىتىگە قارشى چىققان ۋە خەلقنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە تىرىشقان ئۆلىمالار ھاكىمىيەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغان، ھەتتا بەزىلىرى زىندانلارغا تاشلىنىپ، قىيىن-قىستاق ۋە زۇلۇم-ئىسكەنجلەر بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ زىنداندا ئۆلتۈرۈلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. لېكىن ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، چەتكە قېقىلغان، زىندانلارغا تاشلانغان، ھەتتا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇ ئالىملارنىڭ نامىدا بىرەردىن مەزھەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ مۇسۇلمانلارغا «تەقدىم» قىلىنغان.

بىز مۇسۇلمانلار ئەنە شۇ ئەمەۋىي ۋە ئابباسىيلار زۇلۇم ۋە ئىستىبدات بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن 700 يىللىق ئۇزۇن زامان ئىچىدە يېزىلغان كىتابلارنىڭ «ئۇلۇغ كىتابلار» ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈپ، پۈتكۈل دىنى ئىشلىرىمىزدا «دەستۇر» قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

ئەنە شۇ زامان ئىچىدە سىياسىي جەھەتتىن سۈننىي ۋە شىيئە دەپ ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننىي تارمىقى ئەقىدىدە ئەشئەرىي، ماتۇرىيدىي ۋە تاھاۋىي (تاھاۋىي سەلەفىي ياكى ۋاھھابىي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئۈچ مەزھەپكە، ئەھكامدا ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكى ۋە ھەنبەلىي دەپ 4 مەزھەپكە بۆلۈنگەن.

ئىسلام دىنى بىزنىڭ دىيارىمىزغا كىرگەندە پەيغەمبىرىمىز يەتكۈزگەن سۈزۈك ۋە ساپ ھالىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى كىرلىتىلگەن ۋە بۇلغانغان ھالىتى بىلەن كىرگەن. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، بىزنىڭ دىيارىمىزغا ئىنسانلار شەكىللەندۈرگەن «ئىسلام» نىڭ سۈننىي تارمىقىنىڭ، ئەقىدىدە ماتۇرىيدىي، ئەمەلدە ھەنەفىي تارمىقى كىرگەن. دىيارىمىز مانا بۇ شەكىلدە «ئىسلاملاشقان». بۇ ئىسلامغا بىزنىڭ كونا دىنلىرىمىزنىڭ قالدۇقلىرى قوشۇلۇپ تېخىمۇ قالايمىقانلاشقان.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېقىن زامان تارىخىمىزدا بەزى ئالىملار ئوتتۇرىغا چىقىپ قۇرئان-ھەدىستىكى ئىسلامغا قايتىش توغرىسىدا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەپسۇس ئۇلار بۇنىڭ بەدىلىنى جانلىرى بىلەن تۆلىگەن. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان قەشقەرلىك ئابدۇقادىر داموللام ۋە خوتەنلىك مەمتىلى ئاخۇن داموللاملارنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتى بۇنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ.

ئىشنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرىپى شۇكى، بىزنىڭ دىيارىمىزغا «ئىسلام» كىرگەندىن بۇيان يۇقىرىدا كىملەرنىڭ قانداق شارائىتتا يازغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەنە شۇ كىتابلارنىڭ بىزنىڭ دىيارىمىزغا بارالىغانلىرىنى ئوبدان بىلگەنلىك «دىنى ئالىملىق» دەپ ھېسابلانغان. بۇنى ئاز دەپ كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنى ئىبادەت ئۈچۈن، ھەدىسلەرنى تەۋەررۈك ئۈچۈن ئوقۇش چۈشەنچىسى بەرپا قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامنىڭ «ئاللاھقا تەسلىم بولۇش، پەيغەمبەرگە ئەگىشىش» دېگەن مەنىسى «ماتۇرىيدىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش، ھەنەفىيە مەزھىپىنى چىڭ تۇتۇش» دېگەن مەنىگە ئۆزگەرتىلگەن.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە دەججالنىڭ قوپۇشى، مەھدىينىڭ چىقىشى، ئىيسانىڭ چۈشۈشى… دېگەندەك خۇراپاتلار، «ئەقىدە ئەركانلىرى»، «ئىمان ئاساسلىرى» ۋە «ئىسلام ئېتىقادلىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ پۈتۈن «دىنى كىتاب» لارغا يەرلەشتۈرۈلگەن.

مەن بۇ يازمامدا ئەنە شۇ خۇراپاتلاردىن بىرى بولغان «ئىيسا ئەلەيھىسسالام زامانى ئاخىردا ئاسماندىن چۈشىدۇ»، دېگەن ئېتىقاد توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىمەن ۋە بۇ ئېتىقادنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن سىڭىپ كىرگەن بىر خۇراپات ئىكەنلىكىنى ئىلمىي بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن. ئىنشائاللاھ بۇ تەتقىقاتنى ئوقۇغانلار بۇ توغرىدىكى ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكۈسى!

ئەھلى كىتابنىڭ ئېتىقادىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام

1- ئەھلى كىتابنىڭ بىر مەسىھنىڭ كېلىشىنى كۈتۈشى

يەھۇدىيلار بىر مەسىھنىڭ كېلىپ ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. لېكىن ئىيسا مەسىھ ئىنجىل بىلەن بىرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىپ، تەۋراتنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە ئىنجىلنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى.

بۇلار بىر مەسىھ (قۇتقۇزغۇچى) نىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملارنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىدى. ھەتتا بۇ پەيغەمبەرلەرگە تەنە-ھاقارەت ۋە سۇيىقەستلەرنى قىلدى. ئۇ پەيغەمبەرلەر ۋاپات قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھاقارەت قىلىشنى، دىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىدى.

ئەڭ بۇرۇن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرگەن يەھۇدىلار ئىرۇسالىمنىڭ ناسىرە كەنتىدىن چىققان ناسىرىلىكلەر بولغاچقا، ئۇلارغا ناسارا (ياردەمچىلەر) دېيىلگەن ئىدى. بۇلار ھەم مۇسا، ھەم ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئىمان كەلتۈرۈپ، تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىر پۈتۈن ھالەتتە ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بىلىپ، ئىشەنگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇزۇق ئېتىقادلىرىدىن ۋاز كېچىشنى خالىماي،  ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئاندىن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ  ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە قىيامەتكە يېقىن بىر زاماندا ئاسماندىن قۇتقازغۇچى بولۇپ چۈشىدىغانلىقىنى داۋا قىلىشىپ، بۇنى ئېتىقادلاشتۇردى. بۇ ئېتىقادقا ئىشەنگەن ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى «ئاخىرقى پەيغەمبەر» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىدى.

يەھۇدىي ۋە ناسارالار قۇرئاندا «ئەھلى كىتاب» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھېچبىر ئىشتا ئۇلارغا ئوخشىۋالماسلىقىنىڭ لازىملىقى قايتا-قايتا تەكىتلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىدىكى ئىلاھىي كىتابلارغا بويسۇنمىغان، ھەتتا ئۇ كىتابلارنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن ئۇ كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان (مەنسۇخ قىلىۋەتكەن)، شۇنداقلا ئۇلارنى قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇغان. 

بىز ماقالمىزنىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئەھلى كىتابنىڭ ھەر بىرىنىڭ يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدىن نەقىللەر كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ مەسىھنىڭ كېلىشى، ئىيسانىڭ چۈشۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېتىقادىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.

  • تەۋراتتىن پارچىلار:

«رەبنىڭ سۆزى ئىرۇسالىمدىن چىقىدۇ. ئۇ مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ، نۇرغۇن قەۋملەر ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى، نەيزىلىرىنى ئورغاقلار قىلىدۇ. بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە قارشى قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭدىن كېيىن جەڭنى ئۆگەنمەيدۇ»- تەۋرات (يەشايا) 2/4.

«1- بىر تال نوتا يەسسەنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىدىن ئۈنۈپ چىقىدۇ([1])؛ ئۇنىڭ يىلتىزىدىن ئۈنۈپ چىققان بىر شاخ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. 2 – پەرۋەردىگارنىڭ روھى، يەنى دانالىقنىڭ ۋە يورۇتۇشنىڭ روھى، نەسىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ روھى، بىلىم ۋە پەرۋەردىگاردىن قورقۇشنىڭ روھى ئۇنىڭ  ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ؛ 3-ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى بولسا پەرۋەردىگاردىن قورقۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ؛ ئۇ كۆزى بىلەن كۆرگىنىگە ئاساسەن ھۆكۈم  چىقارمايدۇ، ياكى قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغىنىغا  ئاساسەن كېسىم قىلمايدۇ. 4 – ئۇ نامراتلارغا ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، يەر يۈزىدىكى مىسكىن-مۆمىنلەر ئۈچۈن ئادالەت بىلەن كېسىم قىلىدۇ. ئۇ جاھاننى ئاغزىدىكى زاكون تايىقى بىلەن ئۇرىدۇ، رەزىللەرنى لەۋلىرىدىن چىققان نەپەسى بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. 5 – ئۇنىڭ بەلبېغى ھەققانىيلىق، چاتراقلىقى([2]) بولسا سادىقلىق بولىدۇ([3]) 6 – بۆرە، قوزا بىلەن بىللە تۇرىدۇ. يىلپىز، ئوغلاق بىلەن بىللە، موزاي، ئارسلان ۋە بورداق كالا بىلەن بىللە ياتىدۇ؛ ئۇلارنى يېتىلىگۈچى كىچىك بىر بالا بولىدۇ. 7 – كالا، ئېيىق بىلەن بىللە ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە يېتىشىدۇ، شىر بولسا كالىدەك سامان يەيدۇ. 8 – ئەممەيدىغان بالا، بوغما يىلاننىڭ تۆشۈكىگە يېقىن ئوينايدۇ، ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالا قولىنى زەھەرلىك يىلاننىڭ ئۇۋىسىغا تىقىدۇ؛ 9 – مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمنىڭ ھەممە يېرىدە ھېچ زىيانكەشلىك بولمايدۇ؛ ھېچ بۇزغۇنچىلىق بولمايدۇ؛ چۈنكى خۇددى سۇلار دېڭىزنى قاپلىغاندەك، پۈتكۈل جاھان پەرۋەردىگارنى بىلىش-تونۇش بىلەن قاپلىنىدۇ.»- تەۋرات (يەشايا) 11/1-9.

يەھۇدىيلار يۇقىرىقى سۈپەتتە بىر مەسىھنىڭ كېلىشىگە ئىشىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كەلگەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىگەن.

2 – ئىنجىلدىن پارچىلار:

«ئىيسا بىر بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئاسمان تەرەپكە كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى، شاگىرتلار ئۇنىڭغا قارىشىپ تۇراتتى. دەل بۇ ۋاقىتتا ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى پەيدا بولۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ‹ئى جەلىلەلىكلەر! نېمىشقا ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟ سىلەردىن يىراقلىشىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان بۇ ئىيسا، سىلەر ئۇنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى قانداق كۆرگەن بولساڭلار يېقىندا شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ»- (ئەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى 1/10-11).

بۇنىڭدىن باشقا ئىنجىلنىڭ تۆۋەندىكى يەرلىرىدىمۇ ئىيسانىڭ ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن قايتىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ: (مەتتا 24/27- 46؛ يۇھاننا/14/1- 3؛ ئىككىنچى پەترۇس 3/10- 13).  ئىنجىل «دىققەت، تېز كېلىمەن!» دېگەن ئىپادە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. خرىستىئانلار ئىيسانىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاچقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىگەن.

3- مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئىيسانىڭ چۈشۈشى

1) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، مەريەمنىڭ ئوغلى ئادىل بىر ھۆكۈم قىلغۇچى بولۇپ ئاراڭلارغا چۈشۈشى بەك يېقىن. ئۇ چۈشۈپ كىرېستنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، مال-دۇنيا شۇ قەدەر كۆپ بولىدۇكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايدۇ. بىر سەجدە دۇنيادىن ۋە دۇنيا ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەردىن ياخشى بولىدۇ»-(بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ مۇسلىم، ئىمان 71؛ تىرمىزىي، فىتەن 54؛ ئىبنى ماجە، فىتەن 33).

2) ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيسسالام مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلەر دادا بىر، ئانا باشقا بىر تۇغقانلاردۇر. ئۇلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا ئەڭ يېقىنىمەن، چۈنكى مەن بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر يوق. ئۇ چوقۇم چۈشىدۇ. ئۇنى كۆرسەڭلار تونۇيسىلەر: ئۇ ئوتتۇرا بوي، رەڭگى قىزىل بىلەن ئاققا مايىل بىر كىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىدە سارغۇچ ئىككى كىيىم بار. ئۇنىڭ بېشى ھۆل قىلىنمىسىمۇ سۇ تامچىلاۋاتقاندەك تۇرىدۇ. ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى ئۆلتۈرىدۇ. جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ زامانىدا ئىسلامدىن باشقا پۈتكۈل دىنلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ زامانىدا دەججال مەسىھنىمۇ ھالاك قىلىدۇ. زېمىندا شۇ قەدەر ئامانلىق ۋە تىنچلىق پەيدا بولىدۇكى، شىرلەر تۆگىلەر بىلەن، يولۋاسلار كالىلار بىلەن، بۆرىلەر قويلار بىلەن ئوتلايدۇ. كىچىك بالىلار يىلانلار بىلەن ئوينايدۇ. ئۇ زېمىندا قىرىق يىل تۇرغاندىن كېيىن ۋاپات قىلىنىدۇ، مۇسۇلمانلار نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ»- (مۇسنەد ئەھمەد 2/406 ۋە 437- بەتلەر) .

3) ئىبنى ماجەنىڭ بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ: «مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئادىل ھاكىم ۋە ئادالەتلىك بىر يېتەكچى بولىدۇ. ئۇ كرېستلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ، توڭگۇزلارنى بۇغۇزلايدۇ. جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، سەدىقىنى تەرك ئېتىدۇ (چۈنكى ئۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ سەدىقە ۋە زاكاتلارغا ئېھتىياجى قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى يىغىشقىمۇ ئېھتىياج قالمايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن قوي ۋە تۆگىلەرنىڭ زاكىتىنى ئېلىشقا ھېچكىم بارمايدۇ. ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش كۆتىرىلىپ كېتىدۇ. پۈتكۈل زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ زەھىرى تارتىپ ئېلىنىدۇ، بۇ شۇ دەرىجىدە بولىدۇكى ھەتتا كىچىك ئوغۇل بالا يىلاننىڭ ئاغزىغا قولىنى تىقىدۇ، يىلان ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. كىچىك قىز بالا شىرنىڭ ئاغزىنى تۇتۇپ چىشلىرىنى ئاچىدۇ. شىر ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بۆرە قويلارنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، خۇددى ئۇ قويلارنى باقىدىغان ئىتكە ئوخشاپ قالىدۇ. قاچىلار سۇ بىلەن تولدۇرۇلغاندەك زېمىن تىنچلىق بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. سۆز بىر بولىدۇ، (دىن بىرلىكى مەيدانغا كېلىدۇ)؛ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىنمايدۇ، ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلايدۇ (ئۇرۇش توختايدۇ)»- (ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ ﻓﯩﺘﻪﻥ 33- ﺑﺎﺏ، ﻫﻪﺩﯨﺲﻧﻮﻣﯘﺭﻯ: 4077).

ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر يۈزگە يېتىدۇ. بۇ ھەدىسلەر ئوخشاشمىغان كىتابلاردا پەرقلىق رىۋايەتلەر بىلەن زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مەنە ئېتىبارى بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بىز بۇ يەردە يۇقىرىقى ئۈچ ھەدىسنى زىكىر قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

بۇ «ھەدىس» لەرنىڭ ئەھلى كىتابنىڭ يۇقىرىقى ئېتىقادى (تەۋرات ۋە ئىنجىلنىڭ ئىپادىلىرى) بىلەن نەقەدەر ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ ئەينىسى ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك. بۇ يەرگىچە ئىيسانىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان رىۋايەتلەرنى تىلغا ئالدۇق.  تۆۋەندە ئېتىقادقا ۋە ئىمانغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ رىۋايەتلەرنىڭ قۇرئاندا ۋە ئىسلامدا ئاساسى بارمۇ يوقمۇ كۆرۈپ باقايلى.

4- يۇقىرىقى ئېتىقاد ۋە رىۋايەتلەرنى بىكار قىلىدىغان ئايەتلەر:

1) وَلَوۡ شَآءَ رَبُّكَ لَأٓمَنَ مَن فِي ٱلۡأَرۡضِ كُلُّهُمۡ جَمِيعًاۚ أَفَأَنتَ تُكۡرِهُ ٱلنَّاسَ حَتَّىٰ يَكُونُواْ مُؤۡمِنِينَ 

 «ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ سەن ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا زورلامسەن؟»-(10 – سۈرە يۇنۇس، 99- ئايەت).

دېمەك، تەۋراتتا ۋە مەزكۇر ھەدىسلەردە بايان قىلىنغاندەك يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىمان ئېيتىشىنى ئاللاھ خالىمىغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىمتىھان ئۈچۈن ياراتقان، شۇنداقلا ئىنسانلارغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئىختىيارىنى بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەق بىلەن باتىلنىڭ، مۇئمىن بىلەن كاپىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسىدە بىر قىسىم ئىنسانلار ئىمان ئېيتىدۇ، بىر قىسىم ئىنسانلار ئىمان ئېيتمايدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىمۇ بىكار قالمايدۇ، دوزىخىمۇ بىكار قالمايدۇ.

2) لَآ إِكۡرَاهَ فِي ٱلدِّينِۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشۡدُ مِنَ ٱلۡغَيِّۚ فَمَن يَكۡفُرۡ بِٱلطَّٰغُوتِ وَيُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰ لَا ٱنفِصَامَ لَهَاۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ 

 «دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرا بىلەن خاتا ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھغا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- (2-سۈرە بەقەرە، 256 – ئايەت).

«دىندا زورلاش يوق». ھېچكىم ھېچكىمنى ئىمان ئېيتىشقا زورلىيالمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. شۇڭا قىيامەتنىڭ ئالدىدا بىرى چىقىپ ياكى چۈشۈپ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئىمانغا زورلايدىغان ئىش ئەسلا بولمايدۇ.

3) … إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡۗ …

 «…شۈبھىسىزكى، ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ…»-(13-سۈرە رەئد، 11-ئايەت).

يەنى، ئاللاھ تائالا ناشۈكۈرلۈكىنى شۈكۈرگە ئۆزگەرتكەن قەۋم (مىللەت) نىڭ بەختسىز ئەھۋالىنى بەختلىك ئەھۋالغا، شۈكرىنى ناشۈكۈرلۈككە ئۆزگەرتكەن قەۋمنىڭ بەختلىك ئەھۋالىنى بەختسىز ئەھۋالغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. دېمەك، ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ ئۆزى ئۆزگەرتىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ ئۆزگەرتىشىگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشى سەۋەبچى بولىدۇ. بۇ ئىشقا باشقا «سۈپەرمەن» كەتمەيدۇ. 

4) وَأَن لَّيۡسَ لِلۡإِنسَٰنِ إِلَّا مَا سَعَىٰ 

 «شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى، ئىنسان پەقەت ئۆز ئەمگىكىىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- (53-سۈرە نەجىم، 39-ئايەت).

ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ يەر يۈزىنى گۈل-گۈلىستانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانلارنى خۇددى جەننەت ھاياتىدەك بىر ھاياتتا ياشىتىدىغان ئىش بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا يەر يۈزىدە بار بولغان ئىنسانلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەس، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇنىغا خىلاپ.

5- پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

… فَهَلۡ عَلَى ٱلرُّسُلِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ 

 «…پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت روشەن تەبلىغ قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر»- (16 -سۈرە نەھل، 35 – ئايەت).

بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن پەرقلىق ئەمەس. ئاللاھ تائالا بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا مُحَمَّدٌ إِلَّا رَسُولٞ …

«مۇھەممەد پەقەت بىر ئەلچىدۇر…»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 144-ئايەت).

«بۇ ئەلچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر…»- مائىدە 5/99، نۇر 24/54، ئەنكەبۇت 29/18، رەئد 13/40.

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئەگەر ئىيسا ئەلەيھىسسالام قايتا پەيغەمبەر بولۇپ كەلسە ۋەزىپىسى تەبلىغ قىلىش بولىدۇ. ناۋادا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزىنىڭ ۋارىسى بولۇپ كەلسە ۋەزىپىسى يەنە تەبلىغ قىلىش بولىدۇ. دېمەككى، تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئىيسا ئەلەيھىسسالام كېلىپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھېچبىرى تەبلىغ ئەمەس. بۇ يەردىكى زىتلىقنى چۈشىنىش كېرەك.

6- ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىسىدا ۋاپات بولغان

ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ؟» دەيدۇ. بۇ چاغدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن. مېنىڭ ھەق بولمىغان بىر نەرسىنى سۆزلىشىم ھەددىم ئەمەس. ئەگەر ئۇ سۆزنى دېگەن بولسام، ئۇنى سەن چوقۇم بىلىسەن. سەن مېنىڭ زاتىمدىكىنى بىلىسەن، مەن سېنىڭ زاتىڭدىكىنى بىلمەيمەن. چۈنكى سەن غەيىبلەرنى بىلگۈچىدۇرسەن. مەن ئۇلارغا: پەقەت سەن مېنى ئېيتىشقا بۇيرۇغان سۆزنىلا دېدىم. يەنى ئۇلارغا: ‹مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار› دېدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغان مۇددەتتە، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزەتكۈچى ئىدىم. سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ. سەن ھەر نەرسىدىن خەۋەردارسەن»-(5-سۈرە مائىدە، 116 ~117 – ئايەتلەر).

بۇ سۆزلەر ئاللاھ تائالا بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىيامەت كۈنى بولىدۇ. چۈنكى ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئەگەر تەۋرات، ئىنجىل ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە دېيىلگەندەك ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى زېمىنغا چۈشسە ئىدى، خرىستىئانلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزى بىلەن ئانىسىغا چوقۇنغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى ۋە بۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بولاتتى. ئاندىن ئاخىرەتكە بارغان چېغىدا ئاللاھ تائالا: «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ» دېسە، يۇقىرىدىكى شەكىلدە جاۋاب بەرمىگەن بولاتتى. ئەكسىچە مۇنداق جاۋاب بەرگەن بولاتتى:

«يا رەببى! مەن بىرىنچى قېتىم ئۇلاردىن ئايرىلغان چېغىمدا ھەممىسى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە قالغان. ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشۈپ قارىسام ھەممىسى مەن بىلەن ئانامغا چوقۇنۇۋاتقان ئىكەن. مەن قولۇمدىن كېلىشىچە كۈرەش قىلدىم. بۇلارنى سەن ئوبدان بىلىسەن».   

7- مەزكۇر ھەدىسلەر ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ قۇرئانغىلا ئەگىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن  ۋە ئەڭ ئاخىرقى ئايەت نازىل بولغان كۈنى، ئۇ ئايەت نازىل بولغان يەردە (ئەرەفات كۈنى ئەراپاتتا) پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئان كەرىمنى قالدۇرغانلىقىنى دېگەن ۋە بۇ مەشھۇر نۇتقىدا يېنىدا ھازىر بولغان مۇسۇلمانلاردىن «تەبلىغ قىلدىممۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك «تەبلىغ قىلدىڭ» دەپ جاۋاب بېرىشكەندە، ئاللاھ تائالادىن ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىگە شاھىت بولۇشىنى تىلىگەن ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولۇپ كەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئانغىلا ئەگىشىدىغانلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسۇللۇق (ئەلچىلىك) ماقامىدا تۇرۇپ سۆزلىگەن سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ سۆز- ھەرىكەتلەردىن بىزگە نەقىل قىلىنغانلىرى ھەدىس دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان بىلەن ھەدىسنىڭ ئارىسىدا ئەسلا زىتلىق بولمايدۇ. قۇرئانغا زىت كەلگەن ھەدىس (قايسى كىتابتا بولسا بولسۇن) پەيغەمبىرىمىزگە چاپلانغان بوھتان بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان، پەيغەمىبىرىمىزنىڭ ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمايدىغان مۆجىزىسىدۇر. ئۇنى قوغداشنى ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈستىگە ئالغان (ھىجر15/9). ھەدىسلەر بولسا ئۇنداق ئەمەس..    

ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى (مائىدە 5/82) ۋە «مەخلۇقاتلارنىڭ ئەسكىسى» (بەييىنە 98/6) بولغان ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي ۋە ناسارالار) ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن قوغدالغان قۇرئان كەرىمگە ھېچبىر زامان چېقىلالمىغان. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ باتىل ئېتىقادلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلغان ۋە قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار توقۇغان قىسسە- ھېكايىلەر، بىر قىسىم تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىرىمىزغا يەرلەشكەنلىكى تېخىمۇ توغرىرىسى يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق. بۇ ھەر ئىلىم ئەھلىگە مەلۇمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تەپسىر كىتابلىرىدىكى ئىزاھاتلارغا، ھەدىسلەرگە (قايسى تەپسىر ۋە قايسى ھەدىس كىتابىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) ۋە ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرى ئارىسىدىكى تىرناق ئىچى ئىپادىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ نازارىتى ئاستىدا يېقىنلىشىشىمىز لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا خاتا يوللارغا كىرىپ قېلىپ ئېزىپ كېتىشىمىز تۇرغانلا گەپ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق زىت كەلگەن يۇقىرىقىدەك «ھەدىس» لەرگە ئاساسلىنىپ، تېخىمۇ توغرىراقى ئەھلى كىتابقا ئەگىشىپ، «ئاخىر زاماندا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلىشنىڭ قۇرئان-ھەدىس بىر پۈتۈن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلام بىلەن ئەسلا مۇناسىۋىتى يوقتۇر.

8- «چۈشىدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ سۆزلىرىدىكى زىتلىقلار

«قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نىڭ ئاخىرىدىكى «ئىزاھلار» دا ئورۇن ئالغان «ئىيسا» ماۋزۇسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:

كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ. مەككە مۇكەررەمە شەرىئەت ۋە ئىسلام تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ، «سەپۋەتۇتتەپاسىر» نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئېلى سابۇنى ئۆزىنىڭ «ئەننۇبۇۋەتۇ ۋەلئەنبىيا» دېگەن ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگىگىنى يوق. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات، ئاللاھ تائالا ئۇنى ھايات ھالدا ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئەھۋالنى مۇشۇ يوسۇندا يەتكۈزگەن، بىز قۇرئاننىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ۋە راستچىل رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە ئىشىنىمىز. رەسۇلۇللاھ: ‹سىلەرگە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا چۈشۈپ ئادىل ھۆكۈمران بولۇپ سەلىبنى چېقىپ تاشلايدۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ› دېگەن» دەيدۇ.

بۇ ئىپادىلەر قۇرئان كەرىمدىن باشقا «دىنى كىتابلار» نىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدىكى ئىپادىلەرنىڭ خۇلاسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇنى ئەينەن نەقىل قىلدۇق. چۈنكى باشقا كىتابلاردىن ئېلىنغان نەقىلنىڭ مەنبەسىگە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئېرىشىشى قىيىن.

ئۇ ئىپادىلەرنىڭ ئىچىدىكى «ھەدىس» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىگەنلىكى دەۋا قىلىنغان، لېكىن ئۇ ئىپادىلەردە زىكىر قىلىنمىغان باشقا «ھەدىس» لەر ھەققىدە ئايرىم بىر ماقالە يېزىشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. چۈنكى بۇ ماقالىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ ئوقۇرمەنلىرىمىزنى زېرىكتۈرۈپ قويۇشنى خالىمىدۇق.

ئەمدى ئۇ ئىپادىلەردىكى زىتلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز:

1- «قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈپ، دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ».

ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى قالغان يەردىن داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ. ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقارسا، ئۆز دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرماي بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ.

2 – «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگىگىنى يوق. ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىدۇ».

بۇ ئىپادە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىككى ئايىتىگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق زىت كېلىدۇ. چۈنكى «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى تېخى تۈگىمىگەن» دېگەن گەپنىڭ مەنىسى، «ئۇ زېمىنغا پەيغەمبەر بولۇپ چۈشىدۇ»، دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ چۈشۈشى «مۇھەممەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» (ئەھزاب 3/40) دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتكە ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى بولۇپ كەلدىم» (سەف 61/6) دېگەن سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتكە زىتلىشىدۇ. چۈنكى قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالام قايتا پەيغەمبەر بولۇپ كەلسە «مۇھەممەد پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى» بولمىغان بولىدۇ ۋە «ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر» «ئىيسادىن كېيىن» ئەمەس، ئىيسادىن ئىلگىرى كەلگەن بولىدۇ.

3- «چوشقىلارنى ئۆلتۈرىدۇ، جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ».

بۇ ئەسلىدە ھەدىس دەپ دەۋا قىلىنغان سۆزنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىپادە. يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر ھەققىدە ئايرىم بىر ماقالە يازىمىز، لېكىن بۇ يەردە ئىپادىلەردىكى زىتلىقنى قىسقىلا زىكىر قىلىمىز:

بۇ ئىپادە بىلەن يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» دېگەن ئىپادە ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بار. چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇمايدۇ. چوشقىلارنىڭ گۆشلىرىنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ. بۇ تەقدىردە چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈش ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم چىقارغانلىق ئەمەس، باشقا بىر شەرىئەت بويىچە ھۆكۈم چىقارغانلىق بولىدۇ.

ئەينى زىتلىق «جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ» دېگەن ئىپادىدىمۇ مەۋجۇت. چۈنكى جىزيە تەۋبە سۈرىسى (9- سۈرە) نىڭ 29- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىجرا قىلىشى بىلەن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىر ھۆكمى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بىر ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىق ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلىق بولىدۇ.

ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدە بۇ زىتلىقنى كۆرگەن بەزىلەر بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ: ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانغا جىزيە تۆلەيدىغان كاپىر قالمايدۇ.

بۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىمىز شۇكى:

ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنى مۇسۇلمان قىلىۋېتىشنى خالىمىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى. ئۇ ھالدا سەن ئىنسانلارنى مۇئمىن بولۇشقا زورلامسەن؟» (يۇنۇس 10/99)، «… ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە سىلەرنى بىر ئۇممەت قىلاتتى …» (مائىدە 5/48)، «… ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا سەن جاھىللاردىن بولمىغىن» (ئەنئام 6/35)، «ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى پۈتكۈل ئىنسانلارنى بىر ئۈممەت قىلاتتى…» (ھۇد11/118)، «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى سىلەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت قىلاتتى…» (نەھل 16/93).

ئەنە شۇ ئايەتلەر پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بىر ئۈممەت (ئوخشاش بىر يولدىكى ئادەملەر) بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئىنسانلار مۇئمىن بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزگەرمەس بىر قانۇنى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار مۇسۇلمان بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانغا جىزيە تۆلەيدىغان كاپىر قالمايدۇ» دېگەن چۈشەنچە بىر خۇراپاتتۇر. ئۇ چۈشەنچىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن ئىسلام بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئاندا ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا پىكىر ئەركىنلىكى بەرگەنلىكى، ھېچكىمنىڭ مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلانمايدىغانلىقى، ئۆزى خالاپ مۇسۇلمان بولغانلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى، ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن مۇسۇلمان بولمىغانلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن جازالىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

4- «ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات».

قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا «ئى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا! سەن كىشىلەرگە، ‹ئاللاھنى قويۇپ مەن بىلەن ئانامنى ئىككى ئىلاھ قىلىۋېلىڭلار› دېدىڭمۇ؟» دېگەندە، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالاغا جاۋابەن: «مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى چېغىمدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزەتكۈچى ئىدىم، لېكىن سەن مېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە پەقەت سەنلا كۆزەتكۈچى بولدۇڭ» دەيدۇ»- (مائىدە 5/117).  

بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھازىر ھايات» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئاللاھ ئۇنى ۋاپات قىلدۇرمىغان» دېگەنلىك بولىدۇ. «ئاللاھ ئۇنى ۋاپات قىلدۇرمىغان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئۇ ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدا، بىزنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا ئاسماندا بولمايدۇ، ئاسماندا بولسا بىزنىڭ ئارىمىزدا بولمايدۇ. «ھەم ئاسماندا ھەم بىزنىڭ ئارىمىزدا» دېيىش خرىستىئانلارغا ئوخشاش ئىيسانىڭ ئىلاھلىقىغا ئىشەنگەنلىك بولىدۇ (نەئۇزۇ بىللاھ).

9- مەنىلىرى بۇرمىلانغان ئايەتلەر

1- ئايەت:

«إِذْ قَالَ اللَّهُ يَا عِيسَى إِنِّي مُتَوَفِّيكَ وَرَافِعُكَ إِلَيَّ وَمُطَهِّرُكَ مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا …»

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىيساغا مۇنداق دېدى: ئى ئىيسا! مەن سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن ۋە سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن، سېنى كاپىرلاردىن پاكلايمەن (قۇتقۇزىمەن)…»- ئال ئىمران 3/55.

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنى ئۆزىنىڭ ۋاپات قىلدۇرىدىغانلىقىنى (يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى)، ئۆز تەرىپىگە يۈكسەلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە كاپىرلاردىن قوتۇلدۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا بۇ ۋەدىسىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ «رفعه الله (ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى) دەيدۇ»- (نىسا 4/158).

ئايەتتە، «سېنى ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن» دېگەن ئىپادە، «سېنى ۋاپات قىلدۇرىمەن يەنى سېنى ئۆلتۈرىمەن» دېگەن ئىپادىدىن كېيىن كېلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «ئۆز تەرىپىمگە كۆتۈرىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلىشى «ۋاپات قىلدۇرىمەن» دېگەن ۋەدىسنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلغانلىقى بولىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئالدى بىلەن ۋاپات قىلدۇرۇپ ئاندىن ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرگەن. يەنى روھىنى ئالغاندىن كېيىن جەسىتىنى يەھۇدىيلار ئېرىشەلمەيدىغان بىر يەرگە ئاپىرىپ قويغان.

ئەمدى ئايەتكە «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەجىمىسى» دە بېرىلگەن مەنىگە قارايلى:

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىيسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)».

تەرجىمان «ئىزاھلار» بۆلۈمىدە، «ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدۇ، ئۇ ھازىر ئاسماندا ھايات» دېگەن ئىپادىنىڭ «كۆپچىلىك ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىپادىنى ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئىچىگە تىرناق ئىچى ئىپادىلەر بىلەن كىرگۈزگەن. بۇ ئىپادىلەر ئەسلا ئايەتنىڭ مەنىسى ئەمەس!

2- ئايەت:

«…وَمَا قَتَلُوهُ يَقِينًا. بَلْ رَفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ…»

«…يەھۇدىيلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى، بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى…»- نىسا 4/157-158.

بۇ ئايەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى، ئۇنى ئاللاھ تائالا ئۆز ۋەدىسى بويىچە ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.

ئەمدى ئايەتكە «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دە بېرىلگەن مەنىگە قارايلى:

«…ئۇلار ئىيسانى جەزمەن ئۆلتۈرمىدى. بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تىرىك ھالدا ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى)…»

تەرجىمان بۇ يەردىمۇ ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئىچىگە مەزكۇر ئېتىقادنى تىرناق ئىچى ئىپادىلەر بىلەن كىرگۈزگەن. بۇ ئىپادىلەر ئەسلا ئايەتنىڭ مەنىسى ئەمەس!

3- ئايەت:

«وَإِنْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ إِلَّا لَيُؤْمِنَنَّ بِهِ قَبْلَ مَوْتِهِ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكُونُ عَلَيْهِمْ شَهِيدًا»

«ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى، ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدۇ…»- نىسا 4/159.

يەنى يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن ھەر كىشى ئۆلۈش ئالدىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ھەر يەھۇدىي ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنادىن بولمىغانلىقىغا، مەريەم ئەلەيھىسسالامدىن ئاتىسىز يارىتىلغانلىقىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. لېكىن بۇ ئىشىنىش جان ھەلقۇمغا يەتكەندە مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھەر ناسارا (ھەربىر خرىستىئان) ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقىغا، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن سەكرات ئەسناسىدا بولغان بۇ ئىشىنىشنىڭ بىر پايدىسى بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەنىسى مانا بۇدۇر.

ئەمدى ئايەتكە «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دە بېرىلگەن مەنىگە قارايلى:

«ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) ھەر قاندىقى جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۇنىڭغا (يەنى ئىيسانىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكى ۋە ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتىدۇ…»

تەرجىمان بۇ ئايەتنى توغرا تەرجىمە قىلغان. لېكىن بۇ ئايەتنى بەزىلەر «ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى ئىيسا ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئىيساغا ئىمان ئېيتىدۇ…» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ ۋە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىدۇ:

ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەسلەپتە كەلگەندە ئەھلى كىتابنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىدى. دېمەككى، پۈتۈن ئەھلى كىتاب ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىدىغان بىر كۈن كېلىدۇ. ئۇ كۈن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىم كەلگەن كۈندۇر.

ئايەتنى مۇشۇنداق خاتا چۈشىنىۋېلىپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغانلارغا ئىككى سوئال:

1- ئۇنداق بولسا ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم كەلگەنگە قەدەر ئارىلىقتا دۇنياغا كېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ئەھلى كىتابلارچۇ؟ بۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟ چۈنكى ئايەتتىكى «ئەھلى كىتابتىن ھەر قاندىقى، ئەھلى كىتابتىن ھەربىرى» دېگەن ئىپادە ئەھلى كىتاب دەپ ئاتىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردىكى ئومۇمىيلىقتىن ئەھلى كىتابنىڭ بىر قىسمىنى چىقىرىۋېتىش ئايەتكە خاتا مەنا ئېيتقانلىق بولىدۇ.

2-ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىم كەلگەندە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغان ئەھلى كىتاب ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان ئېيتامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىپ، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ ئادەتتىكى بىر ئۇممەتى مۇھەممەدىيە بولغانلىقىغا ئىمان ئېيتامدۇ؟

4– ئايەت:

«وَإِنَّهُ لَعِلْمٌ لِلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَاتَّبِعُونِ هَذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ»

«مەريەمنىڭ ئوغلى قىيامەت ئۈچۈن بىر ئىلىمدۇر. ئۇ ھالدا قىيامەت توغرۇلۇق شۈبھىلەنمەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر»- زۇخرۇف 43/61.

يەنى مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلىشى ئىنسانلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ تۇپراقنىڭ ئاستىدا ئاتىسىز ھەم ئانىسىز قايتا يارىتىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر ئىلىمدۇر.

بۇ ئايەتتىكى لەئىلمۇن («لَعِلْمٌ») كەلىمىسىنى بەزىلەر لەئەلەمۇن (لَعَلَمٌ) دەپ ئوقۇپ «ئىيسا قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. مەسىلەن: «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دە ئايەتكە قىلىنغان تەرجىمە مۇنداق:

«ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەت (يېقىنلاشقانلىقىنىڭ) ئالامىتىدۇر».

دېمەككى، بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنىڭ مەتنىدىكى لەئىلمۇن («لَعِلْمٌ») كەلىمىسىگە لەئەلەمۇن (لَعَلَمٌ) دېگەن كەلىمىنىڭ مەنىسى بېرىلىپمۇ قانائەت قىلىنماي تەرجىمىگە تىرناق ئىچىدە «(يېقىنلاشقانلىقىنىڭ)» دېگەن ئىپادە قوشۇلغان، شۇنداقلا «ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشۈشى» دىن ئىبارەت كۆزقاراشقا «قۇرئاندىن دەلىل» كەلتۈرگەن بولغان.

خۇلاسە

«ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر زاماندا ئاسماندىن چۈشىدۇ» دېگەن ئېتىقاد ئەسلىدە يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئېتىقادى بولۇپ، دەسلەپتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىغا ئۇلاردىن سىڭىپ كىرگەن. ئاندىن رىۋايەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ئاندىن تەپسىر، ھەدىس ۋە ئەقىدە كىتابلىرىغا يەرلەشتۈرۈلگەن.

يەھۇدىيلار «ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە دوستلىرى» بولغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىر مەسىھ ئەۋەتىپ، يەھۇدىي ھاكىمىيىتىدىن باشقا پۈتۈن ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، بارلىق ئىنسانلارنى يەھۇدىيلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە بويسۇنىدىغان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا مەسىھنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كېلىشى ئۇنىڭ «ئادىل ھۆكۈمران» بولۇپ كېلىشىدۇر.

ناسارالار (خرىستىئانلار) ئىيسانىڭ تەڭرىلىكىگە قانچىلىك ئىشەنسە، ئۇنىڭ قىيامەت بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقىغا شۇنچىلىك ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا ئۇ بۇ قېتىم كېلىشىدە ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاش ئۈچۈن كېلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ «ئادىل ھۆكۈمران» بولۇپ كېلىشىدۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنسانلار شەكىللەندۈرگەن «ئىسلام» نىڭ مۇسۇلمانلىرى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زاماندا، قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىدا ئۇ چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈش، كرېستلەرنى چېقىپ تاشلاش ۋە جىزيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن چۈشىدۇ. بۇ ئۇنىڭ «ئادىل ھۆكۈمران» بولۇپ كېلىشىدۇر.

 قۇرئان كەرىمنىڭ ھېچبىر ئايىتىدە ياكى مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدىغان ھېچبىر ھەدىستە «ئىيسا ئەلەيھىسسالام قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشىدۇ» دەپ بىر ئىپادە زىكىر قىلىنمايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق يىللاردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يالغانچى بولۇش ئېھتىمالىنى قوبۇل قىلالمىغان بەزىلەر، بۇ توغرىدىكى «خەبىرى ۋاھىد» لارنى «مەنا جەھەتتىن مۇتەۋاتىر» دېيىشىپ ئۆزلىرىنى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئالداپ كەلگەن.

ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا ئاسماندىن چۈشۈشىگە ئىشىنىشنى بىر ئەقىدە مەسىلىسى دەپ قارايدىغان «ئالىملار» بىر تەرەپتىن خەبىرى ۋاھىد بىلەن ئەقىدە ئىسپاتلانمايدۇ دەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن خەبىرى ۋاھىد بىلەن ئەقىدە ئىسپاتلايدۇ.

يەھۇدىيلارنىڭ بىر مەسىھنىڭ كېلىشىنى، خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇشلىرىغا، قۇرئان كەرىمدە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشىگە بىر ئىشارەتنىڭمۇ يوقلىقىغا، بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ «خەبىرى ۋاھىد»لار ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلىۋېلىشىمىز ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك!

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈپ دۇنيانى قۇتقۇزىشىدىن ئۈمىدىمىزنى ئۈۈزۈشىمىز، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك! چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ھەرقانداق قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇ قەۋمنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ»- رەئد 13/11.

«شۇنىڭ بىلىنىشى لازىمكى، ئىنسان پەقەت ئۆز ئەمگىكىنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.

بىزنى ھېچكىم قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ، بىزنى ئىككىلى دۇنيادا پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىلا قۇتقۇزىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئەقىدىمىزنىڭ توغرا، ئەمەللىرىمىزنىڭ سالىھ بولۇشى بىلەن ئېرىشەلەيمىز. چۈنكى «ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»- ئەئراف 7/56. بۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر