مۇقەددىمە
ئاللاھ تائالا زىنا قىلغان ئاياللارنىڭ جازاسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَاللَّاتِي يَأْتِينَ الْفَاحِشَةَ مِن نِّسَائِكُمْ فَاسْتَشْهِدُوا عَلَيْهِنَّ أَرْبَعَةً مِّنكُمْ فَإِن شَهِدُوا فَأَمْسِكُوهُنَّ فِي الْبُيُوتِ حَتَّى يَتَوَفَّاهُنَّ الْمَوْتُ أَوْ يَجْعَلَ اللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلًا١٥ وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنكُمْ فَآذُوهُمَا فَإِن تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَّحِيمًا١٦﴾
«ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە[1] قىلغۇچىلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، سىلەردىن تۆت كىشىنىڭ ئۇلارغا قارشى گۇۋاھچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە ئۇ ئاياللارنى ئۆلۈپ كەتكىنىگە قەدەر ياكى ئاللاھ ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۆيلەردە تۇتۇڭلار. سىلەردىن ئۇ پاھىشىنى قىلغۇچى ھەر ئىككى كىشىگە تاپا – تەنە قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا تاپا – تەنە قىلىشتىن توختاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 15 ~ 16 – ئايەتلەر).
﴿الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا مِائَةَ جَلْدَةٍ وَلَا تَأْخُذْكُم بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَائِفَةٌ مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ٢﴾
«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىپ قالمىسۇن، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار. مۇئمىنلاردىن بىر جامائە ھازىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن» – (24 – سۈرە نۇر، 2 – ئايەت).
بۇ ئۈچ ئايەتنىڭ بىرىنچىسىدە زىنا قىلغان ئايالغا بېرىلىدىغان ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش جازاسى بايان قىلىنىدۇ. ئىككىنچىسىدە زىنا قىلغان ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىگە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى بايان قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى ئايەتتە (نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدە) بولسا، يۇقىرىدىكى جازالار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا «زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇش» جازاسى بېكىتىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە زىنا جىنايىتى ئۈچۈن بۇ جازالاردىن باشقا جازا بېرىلمەيدۇ.
ئۇنداقتا رەجم جازاسى قانداق ئوتتۇرىغا چىقتى؟
رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم (تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) جازاسى بەرگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ مەسىلىدە قۇرئاننىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئوچۇق ھۆكمى بولسىمۇ، مەزھەپ ئىماملىرى بۇ رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپلا، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى يا مەنسۇخ دەپ قارايدۇ ياكى مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ رەجم جازاسىنى «قۇتقۇزۇپ» قېلىشىدۇ.
ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىنسا، رەجم جازاسىنىڭ تەۋراتقا ئاساسلانغان بىر جازا ئىكەنلىكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇ جازانى مەنسۇخ قىلغانلىقى (ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى) ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بۇ مەسىلىنى ئۇبدان چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش كېرەك:
﴿مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ١٠٦﴾
«بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» – (2 – سۈرە بەقەرە، 106 – ئايەت).
ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىش لازىم. شۇنداق بولغاندا مەسىلىنىڭ ئەسلى ئايەت-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە ھەدىسنى قۇرئاندىن ئايرىغانلارنىڭ بۇ دىنغا نېمىلەرنى قىلغانلىقى بىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ تەتقىقاتىمىزدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز.
1- نەسخ (نسخ)
نەسخ – لۇغەتتە، بىر نەرسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا باشقا بىر نەرسىنى تۇرغۇزۇش، بىر نەرسىنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش، ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئىستىلاھى (ئاتالغۇ) مەنىسى بولسا، «بىر ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئورنىغا ئۇنىڭ ئوخشىشىنى ياكى تېخىمۇ ياخشىسىنى كەلتۈرۈش[2]» دېگەن بولىدۇ.
ئايەتلەرنى نەسخ قىلىش ھەققىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿مَا نَنسَخْ مِنْ آيَةٍ أَوْ نُنسِهَا نَأْتِ بِخَيْرٍ مِّنْهَا أَوْ مِثْلِهَا أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ١٠٦﴾
«بىز قانداقلا ئايەتنى نەسخ قىلساق ياكى ئۇنى ئۇنتۇلدۇرساق، ئورنىغا ئۇنىڭدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرىمىز. بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» – (2 – سۈرە بەقەرە، 106 – ئايەت).
﴿وَإِذَا بَدَّلْنَا آيَةً مَّكَانَ آيَةٍ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُنَزِّلُ قَالُوا إِنَّمَا أَنتَ مُفْتَرٍ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ١٠١﴾
«بىز بىر ئايەتنى يەنە بىر ئايەتكە ئالماشتۇرغاندا – ئاللاھ ئۆزىنىڭ نازىل قىلىدىغان ئايەتلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ -، ئۇ مۇشرىكلار ساڭا: «شۈبھىسىزكى، سەن ئويدۇرمىچىسەن» دېيىشتى. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ» – (16 – سۈرە نەھل، 101 – ئايەت).
ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە «نەسخ» قىلىشنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
﴿شَرَعَ لَكُم مِّنَ الدِّينِ مَا وَصَّى بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَى وَعِيسَى أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَن يُنِيبُ١٣﴾
«ئاللاھ، ئۆزى نۇھقا بۇيرۇغان نەرسىنى سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدى. ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنىمۇ، بىز ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بۇيرۇغان نەرسىنىمۇ سىلەر ئۈچۈن دىننىڭ قانۇنى قىلدۇق. ئۇ نەرسە شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر: «دىننى توغرا چۈشىنىپ ھۆكۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىڭلار، دىندا بۆلۈنمەڭلار». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا، سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلىۋاتقان نەرسە ئېغىر كەلدى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئۇنىڭغا تاللايدۇ، ئۆزىگە يۆنەلگەن كىشىنى ئۇنىڭغا ئېرىشتۈرىدۇ» – (42 – سۈرە شۇرا، 13 – ئايەت).
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قىسم ئايەتلىرى نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالاملارغا ۋەھيى قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئوخشىشى بولغان بولىدۇ. بىر قىسمى بولسا، پەقەت پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا ۋەھىي قىلىنغان يېڭى ئايەتلەر بولغان بولىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش بىلەن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىدىن ياخشىراقىنى ياكى ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرگەن، شۇنداقلا بۇرۇن نازىل قىلغان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى نەسخ قىلغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: نەسخنىڭ ئىككى شەرتى بار:
1- ئايەتلەر ئارىسىدا بولۇشى.
2- نەسخ قىلغۇچى ئايەتنىڭ نەسخ قىلىنغۇچى ئايەت بىلەن ئوخشاش ياكى تېخىمۇ ياخشى بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى.
ھەدىسلەر ئايەتلەرنىڭ تەتبىقاتى، بايانى ۋە ئىزاھى بولغانلىقى ئۈچۈن ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىگە ئەگىشىدۇ. ھەدىسلەر ئايەتلەرنى مەنسۇخ قىلالمايدۇ. بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايەتلەرنى ئۆزگەرتتى دېگەنلىك بولىدۇ. رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق قىلىشقا ھوقۇقى يوق، ھەم ئۇنداق قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ئوچۇق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَإِذَا تُتْلَى عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ لَا يَرْجُونَ لِقَاءَنَا ائْتِ بِقُرْآنٍ غَيْرِ هَذَا أَوْ بَدِّلْهُ قُلْ مَا يَكُونُ لِي أَنْ أُبَدِّلَهُ مِن تِلْقَاءِ نَفْسِي إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَى إِلَيَّ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ١٥﴾
«ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار: «بۇنىڭدىن باشقا قۇرئان كەلتۈرگىن ياكى بۇنى ئالماشتۇرغىن» دېدى. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئۇنى مەن ئۆز خاھىشىمچە ئالماشتۇرالمايمەن. مەن ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن. چۈنكى مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن».» – (10 – سۈرە يۈنۈس، 15 – ئايەت).
خۇلاسە
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىن مۇنۇ قائىدىلەر چىقىدۇ:
ئا- بىر ئايەت نەسخ قىلىنغان ھامان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ نەسخ قىلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە نېمە ۋەھىي قىلىنسا ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىيگە خىلاپ ھالدا بىر نەرسە سۆزلەش ياكى بىر ئىش قىلىش ھوقۇقى يوق.
ئە- بىر ئايەت نەسخ قىلىنسا، ئۇنىڭ مەنىسىمۇ بىرلىكتە نەسخ قىلىنىپ كېتىدۇ. بىرەر ئايەتنىڭ لەۋزى مەنسۇخ بولۇپ كېتىپ، ھۆكمى باقىي قالىدىغان ئىش يوق. چۈنكى بىر ئايەتنىڭ نەسخ قىلىنىشى، باشقا بىر يېڭى ئايەت بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇ يېڭى ئايەت، ئۆزىنىڭ لەۋزى ۋە مەنىسى بىلەن بىرلىكتە نازىل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇرۇنقى ئايەتنىڭ لەۋزىنى ۋە مەنىسىنى بىرلىكتە نەسخ قىلىدۇ.
ب- نەسخ قىلغۇچى ئايەت، نەسخ قىلىنغۇچى ئايەتتىن ئېغىر بىر ھۆكۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بايان قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئايەتنىڭ تەقەززاسىدۇر:
﴿الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِندَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنجِيلِ يَأْمُرُهُم بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنزِلَ مَعَهُ أُولَئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ١٥٧﴾
«ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان ئەلچىگە ئەگىشىدۇ. ئۇ، ئۇلار ئۆز قوللىرىدىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدا يېزىلغانلىقىنى كۆرىدىغان ئەلچىدۇر. ئۇ ئەلچى ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ، يامانلىقتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى ۋە ئۈستىلىرىدىكى تاقاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان، ئۇنى قوللاپ ھۆرمەتلىگەن، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈرۈلگەن نۇرغا ئەگەشكەنلەر چوقۇم مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر».» – (7 – سۈرە ئەئراف، 157 – ئايەت).
بىر ئايەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر ئايەت بىلەن نەسخ قىلىنغانلىقىغا زىنا جازاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مىسال بولىدۇ. تەۋراتتا ۋە ئىنجىلدا زىنانىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر. بۇنى پەيغەمبىرىمىزمۇ بىر مۇددەت ئىجرا قىلغان. ئاندىن قۇرئان كەرىم ئۇ ھۆكۈمنى نەسخ قىلغان.
2- تەۋراتتا زىنا جازاسى:
«باشقىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغان كىشى، قوشنىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغان كىشى ۋە ئۇ خوتۇنلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ. دادىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە ياتقان كىشى، دادىسىنىڭ ئەۋرىتىنى ئاچقان بولىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر. بىر كىشى كېلىنى بىلەن بىللە ياتسا، ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ قىلمىشى ھەقىقەتەن رەزىللىكتۇر. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر. بىر ئەر كىشى باشقا بىر ئەر كىشى بىلەن، ئايال كىشى بىلەن بىللە ياتقاندەك بىللە ياتسا، ئىككىلىسى قەبىھ ئىش قىلغان بولىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىككىلىسى ئۆلۈمگە لايىقتۇر»- (لاۋىين (لاۋىيلىقلار) 20- باب).
«ياتلىق قىلىنغان بىر قىزنى ئېرى قىز ئەمەسكەن دېسە ۋە بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانسا، يۇرت خەلقى ئۇ قىزنى دادىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تاش ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. بىر كىشى باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر قىزنى شەھەردە ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتسا، ئىككىلىسىنى ئۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈڭلار»- (تەسنىيە 22- باب).
3- ئىنجىلدا زىنا جازاسى:
«ئىيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغان ئىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. شۇ چاغدا بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەزرىتى ئىيسادىن:
– ئۇستاز! بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟- دەپ سوراشتى.
ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى ھەزرىتى ئىيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىپلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق ھەزرىتى ئىيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى. شۇڭا ھەزرىتى ئىيسا رۇسلىنىپ ئۇلارغا: – ئاراڭلاردا كىم گۇناھسىز بولسا، بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى شۇ ئاتسۇن- دېدى. ئاندىن يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا، ھەزرىتى ئىيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. ھەزرىتى ئىيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: – خانىم! سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى جازالايدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟- دېدى. – چىقمىدى، ھەزرەتلىرى- دېدى ئايال. ھەزرىتى ئىيسا: – مەنمۇ سزنى جازالىمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ!- دېدى»- (يۇھاننا 8- باب).
ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزى بىلەن تەۋراتتىكى رەجم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. لېكىن گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ خەۋىرى ۋە شاھىتلىقىغا ئاساسلىنىپ بۇنداق ئېغىر بىر جازانى ئىجرا قىلمىغان. چۈنكى ئۇنىڭ تەۋرات توغرىسىدا تۆۋەندىكى سۆزلىرى بايان قىلىنىدۇ:
«مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى دەپ قالماڭلار. مەن بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم»- (مەتتا 5 – باب).
4- پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەتبىقاتى:
ئا- بەرائىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن يۈزى كۆمۈر بىلەن قارايتىلغان ۋە دەررە ئۇرۇلغان بىر يەھۇدىي ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى چاقىرىپ: «كىتابىڭلاردا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «ھەئە» دېدى.
ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالىملىرىدىن بىرىنى چاقىردى ۋە: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھ ھەققى سوراۋاتىمەن، كىتابىڭلاردا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا مۇشۇنداقمۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالىم مۇنداق دېدى:
«ياق، ئەگەر مەندىن بۇنداق سورىمىغان بولساڭ، ساڭا ئېيتىپ بەرمەيتتىم. كىتابىمىزدا زىنا قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن جازا رەجمدۇر. لېكىن زىنا شەرەپلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن شەرەپلىك بىرىنى بۇ گۇناھ بىلەن تۇتۇۋالساق قويۇۋېتىدىغان، ئاجىزنى تۇتۇۋالساق بەلگىلەنگەن جازانى ئىجرا قىلىدىغان بولدۇق. ئاندىن ئۆزئارىمىزدا: ‹كېلىڭلار، شۇنداق بىر جازا ئۈستىدە بىرلىشەيلىكى، ئۇنى شەرەپلىككىمۇ، ئاجىزغىمۇ ئوخشاشلا ئىجرا قىلايلى› دېيىشىپ، رەجم جازاسىنىڭ ئورنىغا يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ، دەررە ئۇرۇش جازاسىنى بېكىتتۇق».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «ئى ئاللاھ! ئۇلار ئۆلتۈرگەن ئەمرىڭنى تۇنجى تىرىلدۈرگەن كىشى مەن بولاي» دېدى ۋە رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇدى، زىنا قىلغۇچى رەجم قىلىندى. ئاندىن ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى:
﴿يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِن قُلُوبُهُمْ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِن بَعْدِ مَوَاضِعِهِ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا وَمَن يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَن تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا أُولَئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ٤١﴾
«ئى ئەلچى! كۇفرىلىقتا بەسلىشىدىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. ئۇلار قەلبلىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرۇپ، ئېغىزلىرى بىلەن «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەنلەر ۋە يەھۇدىيلاردۇر. ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ساڭا كەلمىگەن باشقا بىر قەۋمگە قۇلاق سالغۇچىلاردۇر. ئۇلار كەلىمىلەرنىڭ مەنىلىرىنى بۇرمىلايدۇ، «ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە، ئۇنى تۇتۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە ساقلىنىڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ بىر كىشىنى ئېزىپ كېتىشىنى ئىرادە قىلسا، سەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھقا قارشى ھېچ نەرسە قىلالمايسەن. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىنى پاكلاشنى ئىرادە قىلمىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار» – (5 – سۈرە مائىدە، 41 – ئايەت).
ئۇلار ئۆزئارا: «مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىڭلار. ئەگەر ئۇ سىلەرنى، يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ، دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇسا قوبۇل قىلىڭلار؛ ئەگەر رەجم قىلىشقا بۇيرۇسا قوبۇل قىلماڭلار» دېيىشەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلدى:
«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار كاپىرلاردۇر»،
«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار زالىملاردۇر»،
«ئاللاھنىڭ نازىل قىلغىنى بىلەن ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر[3]».
ئە- يەھۇدىيلاردىن بىر ئەر بىلەن بىر ئايال زىنا قىلغان ئىدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇنداق دېيىشتى:
«شۇ پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا بارايلى. چۈنكى ئۇ يەڭگىللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. ئەگەر ئۇ بىزگە رەجمدىن باشقا بىر پەتىۋا بەرسە قوبۇل قىلىمىز ۋە ئۇنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دەلىل قىلىپ: ‹بۇ، پەيغەمبەرلىرىڭدىن بىر پەيغەمبەرنىڭ پەتىۋاسىدۇر›دەيمىز».
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «ئى ئەبۇلقاسىم! زىنا قىلغان ئەر-ئايال ھەققىدە قانداق ھۆكۈم چىقىرىسەن؟» دېدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئۇلارنىڭ بەيتى مىدراسىغا (تەۋرات ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆيىگە) كەلگەنگە قەدەر ئۇلارغا ھېچ نەرسە دېمىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھ ھەققى بىلەن سورايمەنكى، توي قىلغانلار زىنا قىلسا، ئۇلارغا تەۋراتتا قانداق جازا بار؟» دېدى. ئۇلار: «يۈزى كۆمۈر بىلەن قارايتىلىدۇ، ئىككىسى ئارقىسى ئارقىسىغا قىلىنىپ، بىر ئىشەككە مىندۈرۈلۈپ، سازايى قىلىنىپ، دەررە ئۇرۇلىدۇ» دېيىشتى. لېكىن ئۇلاردىن ياش بىر كىشى ھېچ نەرسە دېمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ: «تەۋراتنى مۇساغا نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەنكى، توي قىلغانلار زىنا قىلسا، ئۇلارغا تەۋراتتا قانداق جازا بار؟» دېگەن سوئالىنى قايتا سورىدى. ئۇ ياش كىشى: «ۋاي ئاللاھ، سەن بىزدىن ئاللاھنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئېلىپ تۇرۇپ سورىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئېيتىپ بېرىمەن: تەۋراتتا رەجم جازاسى بار» دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئەرزان ھېسابلىشىڭلارنىڭ دەسلىپى قانداق بولغان؟» دەپ سورىدى. ياش كىشى مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
«پادىشاھلىرىمىزدىن بىرىنىڭ تۇغقىنى زىنا قىلغان ئىدى، پادىشاھ ئۇنىڭدىن رەجمنى كېچىكتۈردى. كېيىن خەلقتىن بىرى زىنا قىلغان ئىدى، پادىشاھ ئۇنى رەجم قىلماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى ئارىغا كىرىپ: ‹سەن تۇغقىنىڭنى ئېلىپ كىلىپ رەجم قىلمىغۇچە، بىزنىڭ تۇغقىنىمىز رەجم قىلىنمايدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز ئارىلىردا زىنا قىلغۇچىغا بۇ جازانى بېرىشكە كېلىشتى».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ: «مەن، چوقۇم تەۋراتتىكى ھۆكۈم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن» دېدى. ئارقىدىنلا ئەمر قىلدى، ئۇ ئىككى كىشى رەجم قىلىندى.
بۇ ھەدىسنىڭ راۋىلىرىدىن زۆھرىي؛ «شۈبھىسىزكى، بىز تەۋراتنى نازىل قىلدۇق. ئۇنىڭدا ھىدايەت ۋە نۇر بار. ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنغان نەبىيلەر يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىدۇ…» – (5 – سۈرە مائىدە، 44 – ئايەت). دېگەن ئايەت ھەققىدە:
بىزگە بۇ ئايەتنىڭ يەھۇدىلار ھەققىدە نازىل بولغانلىقى يېتىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇ نەبىيلەرنىڭ بىرىدۇر[4]»، دەيدۇ.
ب- ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا زىنا قىلغان يەھۇدىي ئەر – ئايالنى ئېلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «كىتابىڭلاردا قانداق ھۆكۈم بار؟» دېدى. ئۇلار: «ئالىملىرىمىز يۈزىنى كۆمۈر بىلەن قارايتىپ ئۇلاغقا تەتۇر مىندۈرۈشنى پەيدا قىلدى» دېدى.
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام (مۇسۇلمان بولغان بىر يەھۇدىي ئالىم) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇلاردىن تەۋراتنى تەلەپ قىلسىلا» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تەۋرات كەلتۈرۈلدى.
ئۇلارنىڭ بىرى تەۋراتنى ئېچىپ، رەجم ئايىتىنىڭ ئۈستىدە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۈستىنى ۋە ئاستىنى ئوقۇغىلى تۇردى. ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا: «قولۇڭنى كۆتۈر!» دېدى. ئۇ كىشى قولىنى كۆتۈرگەن ئىدى، رەجم ئايىتى ئۇنىڭ قولى قويۇلغان يەردە كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زىنا قىلغان ئۇ ئەر- ئايال توغرۇلۇق ئەمر قىلدى، ئىككىسى رەجم قىلىندى[5]».
خۇلاسە
يۇقىرىدىكى ھەدىسلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، رەجم جازاسىنىڭ تەۋراتتىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن زىنا قىلغۇچىلارغا ئۇ جازانى بەرگەنلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ .تۆۋەندىكى ئايەت بىلەن ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
ئا- ئايەت:
﴿وَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِندَهُمُ التَّوْرَاةُ فِيهَا حُكْمُ اللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوْنَ مِن بَعْدِ ذَلِكَ وَمَا أُولَئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ٤٣﴾
«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا قانداقمۇ تەكلىپ قىلسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تەۋرات بار، تەۋراتتا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بار! ئاندىن ئۇلار سەن ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ. ئەنە شۇلار ھەرگىزمۇ مۇئمىن ئەمەس[6]» – (5 – سۈرە مائىدە، 43 – ئايەت).
بۇ ئايەت تەۋراتتىكى، زىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلغان مەسىلە زىنا مەسىلىسىدۇر. بۇ ئايەت، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى تەۋراتتا بۇ مەسىلە توغرۇلۇق بولغان ھۆكۈمنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكىنى، ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىشىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئەسلىدە يەھۇدىيلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشى، ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ قوبۇل قىلغانلىقتىن ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ كىتابىدىكى ھۆكۈمدىن قېچىش ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ئادەملىرىگە: «… ئەگەر سىلەرگە بۇ ھۆكۈم بېرىلسە قوبۇل قىلىڭلار؛ ئەگەر ئۇ ھۆكۈم بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار…»- (مائىدە 5/41) دېگەن ئىدى.
ئە- ھەدىس:
ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە زەيد ئىبنى خالىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما) مۇنداق دەيدۇ:
بىر بەدەۋى (سەھرالىق) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئاللاھ ھەققى، ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىشىڭنى سورايمەن» دېدى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ رەقىبى – بۇ ئۇنىڭدىن ئاڭلىقراق ئىدى-: «شۇنداق، ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلغىن ۋە ماڭا گەپ قىلىشىم ئۈچۈن رۇخسەت قىلغىن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قېنى سۆزلەڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئوغلۇم بۇنىڭ يېنىدا ئىشلەيتتى، ئىشلەش ئەسناسىدا بۇنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلدى. بۇ ئارىدا ئوغلۇمغا رەجم جازاسى بېرىش لازىملىقى ماڭا خەۋەر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئوغلۇمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن يۈز قوي ۋە بىر خىزمەتچى فىدىيە بەردىم. ئاندىن ئىلىم ئەھلىدىن بۇ مەسىلىنى سورىدىم. ئۇلار ماڭا: ‹ئوغلۇڭغا يۈز دەررە ئۇرۇش ۋە بىر يىل سۈرگۈن قىلىش جازاسى بېرىش كېرەك. بۇ كىشىنىڭ ئايالىغا بولسا، رەجم جازاسى بېرىش كېرەك› دەپ جاۋاب بېرىشتى».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:
«جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن: يۈز قوي بىلەن خىزمەتچى ساڭا قايتۇرۇلىدۇ. ئوغلۇڭغا يۈز دەررە ئۇرۇش ۋە بىر يىل سۈرگۈن قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ» دېدى ۋە ئۇنەيس ئىسىملىك بىر كىشىگە :«ئى ئۇنەيس! بۇ كىشىنىڭ ئايالىنىڭ يېنىغا بېرىپ سورىغىن، ئەگەر ئىقرار قىلسا ئۇنىڭغا رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلغىن» دەپ، ئۇ كىشىنى رەجم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنەيس ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا باردى، ئايال گۇناھىنى ئىقرار قىلدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرى بويىچە رەجم قىلىندى[7]».
بۇ ھەدىستىكى «ئاللاھنىڭ كىتابى» تەۋراتتۇر، چۈنكى:
بىرىنچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتاب قۇرئان كەرىمدە زىناغا، بىر يىل سۈرگۈن قىلىش ۋە رەجم جازاسى بېرىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن» دېگەن سۆزىدىكى «ئاللاھنىڭ كىتابى» تەۋراتنى كۆرسىتىدۇ.
ئىككىنچىدىن بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئەھۋاللار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە مائىدە سۈرىسىنىڭ 41 – ئايىتىدىن 44- ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن، تەۋراتتا بايان قىلىنغان رەجم جازاسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنگەندىن كېيىن بولغان.
كۈنىمىزدىكى تەۋراتتا دەررە ئۇرۇش جازاسى يوق. بۇ ھۆكۈم شۇ چاغدىكى مەدىنە يەھۇدىيلىرىنىڭ قولىدىكى تەۋرات نۇسخىلىرىدا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ بىر يىغىندا ياكى بىر بايرام كۈنى خۇتبىسىدە: «توي قىلمىغان كىشى زىنا قىلسا دەررە ئۇرۇمىز. توي قىلغان كىشى زىنا قىلسا رەجم قىلىمىز» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[8]».
5 – رەجم جازاسىنىڭ نەسخ قىلىنىشى (ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىنا جازاسى توغرۇلۇق دەسلەپتە نازىل بولغان ئايەت نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدۇر. بۇ ئايەتلەر زىنا جىنايىتى ئۈچۈن يېڭى بىر جازا بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا بۇرۇنقى رەجم جازاسىنى نەسخ قىلىدۇ. يەنى ئۇ ئايەتلەردە بەلگىلەنگەن يېڭى جازا بىلەن بۇرۇنقى ئۆلۈم (رەجم) جازاسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَاللَّاتِي يَأْتِينَ الْفَاحِشَةَ مِن نِّسَائِكُمْ فَاسْتَشْهِدُوا عَلَيْهِنَّ أَرْبَعَةً مِّنكُمْ فَإِن شَهِدُوا فَأَمْسِكُوهُنَّ فِي الْبُيُوتِ حَتَّى يَتَوَفَّاهُنَّ الْمَوْتُ أَوْ يَجْعَلَ اللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلًا١٥ وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنكُمْ فَآذُوهُمَا فَإِن تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَّحِيمًا١٦﴾
«ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە[9] قىلغۇچىلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، سىلەردىن تۆت كىشىنىڭ ئۇلارغا قارشى گۇۋاھچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە ئۇ ئاياللارنى ئۆلۈپ كەتكىنىگە قەدەر ياكى ئاللاھ ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۆيلەردە تۇتۇڭلار. سىلەردىن ئۇ پاھىشىنى قىلغۇچى ھەر ئىككى كىشىگە تاپا – تەنە قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا تاپا – تەنە قىلىشتىن توختاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.» – (4 – سۈرە نىسا، 15 – 16 – ئايەتلەر).
بۇ ئايەتلەردىكى يېڭى جازالار تۆۋەندىكىچە:
- زىنا قىلغان ئاياللارغا ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگۈچىلىك ئازار بېرىش جازاسى بېرىلىدۇ.
2) زىنا قىلغان ئەرلەرگە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگۈچىلىك ئازار بېرىش جازاسىلا بېرىلىدۇ.
دېمەك، ئاياللارغا ئىككى جازا، ئەرلەرگە بىر جازا بېرىلىدۇ .
بىرىنچى ئايەتنىڭ «…ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگۈچىلىك…» دېگەن قىسمى، بۇ جازالارنىڭ كېيىنچە تېخىمۇ يەڭگىل بىر جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت ياكى ئايەتلەرنىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن نەسخ قىلىنىدىغانلىقىنى (ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى) كۆرسىتىدۇ.
يەنى ئاللاھ تائالا بۇئىككى ئايەتنى نازىل قىلىش بىلەن ھەم تەۋراتتىكى زىنا جازاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى نەسخ قىلىدۇ، ھەم كېيىنچە بۇ ئىككى ئايەتنىمۇ نەسخ قىلىپ زىنا جىنايىتىگە تېخىمۇ يەڭگىل بىر جازانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەت ياكى ئايەتلەر نازىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
دەرۋەقە بىرمۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا بۇ توغرىدا نۇر سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىنى نازىل قىلىپ، يۇقىرىدىكى ئىككى ئايەتنى (نىسا سۈرىسىنىڭ 15 – ۋە -16 ئايەتلىرىنى) نەسخ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
﴿الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا مِائَةَ جَلْدَةٍ وَلَا تَأْخُذْكُم بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَائِفَةٌ مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ٢﴾
«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىپ قالمىسۇن، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار. مۇئمىنلاردىن بىر جامائە ھازىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن» – (24 – سۈرە نۇر، 2 – ئايەت).
بۇ ئايەت، ئەر- ئايال، توي قىلغان – توي قىلمىغان دەپ ھېچ ئايرىماستىن زىنا قىلغۇچىنىڭ جازاسىنى يۈز دەررە قىلىپ بېكىتىدۇ. بۇ جازا، نىسا سۈرىسىدە ئۆتكەن ئۆمۈر بويى قاماقتا يېتىشتىن ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغانلىقى پەرەز قىلىنغانغا قەدەر ئازار ئىشىتىشتىن يەڭگىلدۇر، شۇنداقلا «بىر چىقىش يولى» دۇر. تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:
ئا- زەيد ئىبنى ئەسلەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بىر كىشى ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ئۇرۇش ئۈچۈن بىر قامچا تەلەپ قىلدى. ئىشلىتىلىپ كونىراپ كەتكەن بىر قامچا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنىڭدىن ئۇبدانراقىنى» دېدى. ھېچ ئىشلىتىلمىگەن يېڭى بىر قامچا كەلتۈرۈلگەن ئىدى، «بۇنىڭدىن تۆۋەنراقىنى» دېدى. بۇ قېتىم بىرئاز ئىشلىتىلگەن ۋە يۇمشىغان بىر قامچا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمر قىلدى، ئۇ كىشى قامچىلاندى. ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
«ئى ئىنسانلار! سىلەرنىڭ، ئاللاھ بەلگىلىگەن جازالاردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنىڭ ۋاقتى كەلدى. كىم بۇ قەبىھ ئىشلاردىن بىرىنى قىلسا، ئاشكارا قىلمىسۇن، تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ مەغىپىرىتىگە سېغىنسۇن. چۈنكى كىم بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلىمىز»- (مۇۋەتتا، «ھۇدۇد»، 2/12).
بۇ ھادىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىشىگە توي قىلىپ-قىلمىغانلىقىنى ھېچ سۈرۈشتە قىلماستىنلا يۈز قامچا ئۇرۇشقا ئەمر قىلىشى، ئاندىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئىجرا قىلغانلىقىنى سۆزلىشى پۈتۈن شۈبھىلەرنى يوق قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتابىدا زىنا جىنايىتى ئۈچۈن «يۈز دەررە ئۇرۇش» دىن باشقا جازا يوقتۇر.
ئە- شەيبانىي مۇنداق دەيدۇ: مەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفادىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەجم قىلغانمۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ، ھەئە، دېدى. مەن، نۇر سۈرىسى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ؟ دېگەن ئىدىم. ئۇ، بىلمەيمەن، دېدى[10].».
خۇلاسە
بىر قىسىم كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرى نازىل بولۇشتىن بۇرۇن رەجم قىلغانلىقىنى بايان قىلىدىغان رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىپ، نۇر سۈرىسىنىڭ ئىككىنچى ئايىتىدە بەلگىلەنگەن جازانىڭ پەقەت توي قىلمىغان زىنا قىلغۇچىلارغا خاس ئىكەنلىكىنى، قۇرئان كەرىمدە توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغا بىر جازا بەلگىلەنمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغا رەجم جازاسى بېرىلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان كەرىمدە زىنا قىلغان كىشىگە رەجم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرمۇ ئايەت يوق. بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىربىرى بىلەن باغلاپ ئانالىز قىلغان ۋاقتىمىزدا، توي قىلغان زىنا قىلغۇچىلارغىمۇ «يۈز دەررە ئۇرۇش»تىن باشقا جازا بېرىلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
مەسىلەن: بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئۈچ ئايەتكە قاراپ باقايلى:
1– ئاللاھ تائالا نۇر سۈرىسىنىڭ 8 – ئايىتىدە زىنا بىلەن قارىلانغان ئايالنىڭ ئازاپ (زىنا جازاسى)دىن قۇتۇلىشىنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
﴿٧ وَيَدْرَأُ عَنْهَا الْعَذَابَ أَن تَشْهَدَ أَرْبَعَ شَهَادَاتٍ بِاللَّهِ إِنَّهُ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ٨﴾
«زىنا بىلەن قارىلانغان ئايالنىڭ تۆۋەندىكىدەك گۇۋاھلىق بېرىشى ئۇنى ئازابتىن ساقلاپ قالىدۇ: تۆت قېتىم: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئېرىم ھەقىقەتەن يالغانچىلاردىندۇر» دەيدۇ» – (24 – سۈرە نۇر، 8- ئايەت).
بۇ ئايەتتە ئۆتكەن «ئازاب» بىلەن 2- ئايەتتە (24/2) ئۆتكەن «ئەزابەھۇما -عَذَابَهُمَا» ئىپادىسىدىكى «ئازاب» ئوخشاش بىر ئازاب (جازا)دۇر؛ چۈنكى يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئازاب «الْعَذَاب» ئىپادىسى، ئېنىقلقنى بىلدۈرىدىغان ئەل «ال» قۇشۇمچىسى بىلەن بىللە كەلگەن بولۇپ، سۆزلەرگە بۇ قۇشۇمچە قوشۇلۇپ كەلگەندە، شۇ سۆزنىڭ ئەينىسىنىڭ ياكى مەنىسىنىڭ باشتا ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ زېھنىدە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە، ئاللاھ تائالا 2 – ئايەتتە زىنا قىلغان ئەر-ئايالنىڭ ھەر بىرىنى «يۈز دەررە» دىن ئۇرۇش كېرەكلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭ «ئازاب» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن 8- ئايەتتىكى ئەلئەزابە «الْعَذَابَ»، 2 – ئايەتتە ئۆتكەن يۈز دەررە ئۇرۇش جازاسىدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. دېمەك، توي قىلىپ بولغان ئايالنىڭ جازاسىمۇ يۈز دەررە ئۇرۇشتۇر. چۈنكى ئېرى تۆھمەت قىلغان ئايال، توي قىلغان ئايال دېمەكتۇر.
2- ياتلىق قىلىنغان چۆرىلەر زىنا قىلسا، ئۇلارغا زىنا قىلغان ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ يېرىمىنى بېرىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئايەت:
﴿… فَإِذَا أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَاحِشَةٍ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى الْمُحْصَنَاتِ مِنَ الْعَذَابِ …٢٥﴾
«…. ئۇلار (چۆرىلەر) ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابنىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك[11]…» – (4 – سۈرە نىسا، 25 – ئايەت).
توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلغان ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازا، رەجم بولىدىغان بولسا، ئۇ چۆرىلەرنىڭ جازاسى ئۇنىڭ يېرىمى بولمايتتى. چۈنكى رەجم (تاش ئېتىپ ئۆلتۈرۈش) نىڭ يېرىمى بولمايدۇ.
3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئاياللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت:
﴿يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ مَن يَأْتِ مِنكُنَّ بِفَاحِشَةٍ مُّبَيِّنَةٍ يُضَاعَفْ لَهَا الْعَذَابُ ضِعْفَيْنِ وَكَانَ ذَلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرًا٣٠﴾
«ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! سىلەردىن كىم ئاشكارا پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭ ئازابى ئىككى ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر» – (33 – سۈرە ئەھزاب، 30 – ئايەت).
«پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن توي قىلغان ۋە ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئاياللار» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئەگەر بۇلاردىن بىرى پاھىشە قىلسا، ئۇنىڭغا، پاھىشە قىلغان باشقا ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ ئىككى ھەسسىسى بېرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسىنى ئىككى ھەسسە قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن يۈز دەررىنى ئىككى ھەسسە قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئايەتتە ئۆتكەن ئەلئەزابۇ «الْعَذَاَبُ» كەلىمىسىمۇ نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدىكى «يۈز دەررە» جازاسىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسە شۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زىنا جىنايىتى ئۈچۈن تەۋراتقا ئاساسەن بەرگەن رەجم جازاسى، نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدە بايان قىلىنغان ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى بىلەن نەسخ قىلىنىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 15- ۋە 16- ئايەتلىرىدە بەلگىلەنگەن ئۆمۈر بويى قاماققا ئېلىش ۋە تەۋبە قىلىپ تۈزەلگەنگە قەدەر ئازار بېرىش جازاسى، نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدىكى «يۈز دەررە ئۇرۇش» جازاسى بىلەن نەسخ قىلىنىدۇ.
نۇر سۈرىسىنىڭ 2- ئايىتىدە زىنا جىنايىتى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن جازا، «زىنا قىلغان ئەر-ئايالدىن ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇش» تۇر. يەنى قۇرئان كەرىمدە زىنا جىنايىتىنىڭ بىرلا جازاسى بار. ئۇ بولسا، «يۈز دەررە ئۇرۇش» جازاسىدۇر.
[1] «پاھىشە»نىڭ مەنىسى قەبىھ گۇناھ بولۇپ بۇ يەردە زىنا كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
[2] ئەزھەرى، «نسخ»، 7: 84؛ ئىبنى فارىس، «نسخ»، 5: 24؛ راغىب ئىسفھانى، «نسخ»، 801؛ ئىبنى مەنزۇر، «نسخ»، 3: 61
[3] مۇسلىم، «ھۇدۇد»، 28؛ ئەبۇ داۋۇد، «ھۇدۇد»، 26.
[4] ئەبۇ داۋۇد، «ھۇدۇد»، 26.
[5] بۇخارى، «ھۇدۇد»، 25.
[6] تەبەرى، جەسساس ۋە قۇرتۇبى قاتارلىق مەشھۇر مۇفەسسىرلەر بۇ ئايەتنىڭ، يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى زىنا توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلغان چاغدا نازىل بولغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ.
[7] بۇخارى، «ھۇدۇد»، 30، «ۋەكالەت»، 13، «شەھادات»، 6، «سۇلھى»، 5، «شۇرۇت»، 9، «ئەيمان»، 3، «ئەھكام»، 39، «ئەخبارۇلئاھاد»، 1، «ئىئتىسام»، 2؛ مۇسلىم، «ھۇدۇد»، 25؛ مۇۋەتتا، «ھۇدۇد»،6؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 8؛ ئەبۇ داۋۇد، «ھۇدۇد»، 25؛ نەسەئى، «قۇزات»، 21؛ ئىبنى ماجە، «ھۇدۇد»، 7.
[8] بۇ رىۋايەتنى تەبەرى، بەغەۋى، ئالۇسى، رازى، بەيزاۋى، نەسەفى، زەمەخشەرى ۋە ئەبۇسسۇئۇد قاتارلىق مۇپەسسىرلەر قەسەس سۈرۈسىنىڭ 81- ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىدۇ.
[9] «پاھىشە»نىڭ مەنىسى قەبىھ گۇناھ بولۇپ بۇ يەردە زىنا كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
[10] بۇخارى، «ھۇدۇد»، 21.
[11] بۇ يەردىكى «ئازاب» ئېنىق ئىسىم (مەرىپە) بولۇپ، 24 – سۈرە نۇرنىڭ 2 – ئايىتىدە بايان قىلىنغان «ئازاب»نى كۆرسىتىدۇ.