جەمئىيەت ۋە مۇسۇلمان
جانلىقلار ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا توپلۇق خاراكتېرىدىكى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە يارىتىلغاندۇر. شۇڭلاشقا، ھەر توپلۇق بىر جەمئىيەتتۇر، ھەر جەمئىيەت تۈرلۈك ئېتىقاد، خىلمۇخىل كۆزقاراش ۋە پەرقلىق تىللارغا ئىگە بولغان ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ شەكىلدە نۇرغۇنلىغان جەمئىيەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ھەر جەمئىيەتنىڭ ھەممەيلەن رىئايە قىلىدىغان پىرىنسىپ ۋە نىزاملىرى، قوغدايدىغان تەۋەررۈكلىرى ۋە داۋاملاشتۇرىدىغان ئادەتلىرى بولىدۇ. ھەر ئىنساننىڭ ئۆز جەمئىيىتىدە ھاياتىنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرىشى ئۈچۈن ئۇ پىرىنسىپ – نىزاملارغا بويسۇنىشى، تەۋەررۈكلەرنى قوغدىشى ۋە ئادەتلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
مۇسۇلمان قانداق جايدا ۋە قانداق جەمئىيەتتە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى ئىجابىي پائالىيەتلەرگە قوشۇلىدۇ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللايدۇ، قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەتتا ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدىكى سەلبىي ھادىسىلەرگە قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنى قوللىمايدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارشى تۇرۇشى ياخشى ئۇسلۇب، گۈزەل ئۇسۇل ۋە مەدەنىي يول بىلەن بولىدۇ.
ئۇ ئۆز جەمئىيىتىدە ئەخلاقىدىكى گۈزەللىك، مۇئامىلىسىدىكى دۇرۇسلۇق، مۇناسىۋىتىدىكى مەرھەمەت، ھۆكۈملىرىدىكى ئادىللىق، سۆزلىرىدىكى دادىللىق… قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقىلارغا ئۆرنەك بولىدۇ. ئوساللىق، قوپاللىق، ساختىلىق، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردىن يىراق تۇرۇپ، ھەر كىشىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ.
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 :243.