ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز، سۈرە ئەئرافنىڭ 175- ۋە 176-ئايەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا، ئاللاھ كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
ئاللاھ تەئالا ئۇ ئايەتلەردە مۇنداق دەيدۇ:
«وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ الَّذِي آتَيْنَاهُ آيَاتِنَا فَانْسَلَخَ مِنْهَا فَأَتْبَعَهُ الشَّيْطَانُ فَكَانَ مِنَ الْغَاوِينَ. وَلَوْ شِئْنَا لَرَفَعْنَاهُ بِهَا وَلَكِنَّهُ أَخْلَدَ إِلَى الْأَرْضِ وَاتَّبَعَ هَوَاهُ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ الْكَلْبِ إِنْ تَحْمِلْ عَلَيْهِ يَلْهَثْ أَوْ تَتْرُكْهُ يَلْهَثْ ذَلِكَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَاقْصُصِ الْقَصَصَ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ. سَاءَ مَثَلًا الْقَوْمُ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَأَنْفُسَهُمْ كَانُوا يَظْلِمُونَ. مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي وَمَنْ يُضْلِلْ فَأُولَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ»
تەرجىمىسى:
«ئى مۇھەممەد! ئۇ يەھۇدىيلارغا مۇنۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئېيتىپ بەرگىن: بىز ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەرگەنىدۇق، ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئايرىلىپ چىقتى. شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈردى، ئۇ گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى.
ئەگەر بىز خالىغان بولساق ئۇنى ئايەتلىرىمىز بىلەن يۈكسەلدۈرەتتۇق. لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى ۋە ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى خۇددى شۇ ئىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش: ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ، ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتسەڭمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ ھاسىرايدۇ. ئەنە شۇ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن قەۋمنىڭ ئەھۋالىدۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا بۇ قىسسىنى بايان قىلغىن، تەپەككۇر قىلغايلار.
ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ ئەھۋالى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشى ھىدايەت تاپقۇچىدۇر. ئاللاھ ئازدۇرغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلاردۇر»- ئەئراف 7/175-178.
تەپسىرى:
تەپسىرلەردە يۇقىرىدىكى 175- ئايەتتە ئۆتكەن «ئاللاھ تەئالا ئايەتلىرىنى بەرگەن ئادەم» نىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرۇلۇق پەرقلىق رىۋايەتلەر زىكىر قىلىنىدۇ. لېكىن بۇ ئايەتلەرنى قۇرئان كەرىم پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ۋە ئىلگىرىكى ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەپسىر قىلىش لازىم. چۈنكى ئايەتلەر بىر-بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ ئايەتلەردىن مۇنداق مەنىلەر چىقىدۇ:
ئاللاھ تەئالا ھەر كىشىگە ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنىڭ ئايەتلىرىنى (دەلىللىرىنى) بىلدۈرگەن، بۇ سۈرىنىڭ (ئەئراف سۈرىسىنىڭ) 172- ئايىتىدە بايان قىلىنىغىنىدەك ھەر كىشىنىڭ پىترىتىگە ئۆزىنىڭ رەب (ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە باققۇچى) ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش قابىلىيىتىنى يەرلەشتۈرگەن. لېكىن بەزى كىشىلەر ئاللاھ بىلدۈرگەن ئۇ دەلىللەردىن، ئۆزىنىڭ پىترىتىگە ئاللاھ تەرىپىدىن يەرلەشتۈرۈلگەن ئۇ قابىلىيەتتىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، دەلىللەرنى دىققەتكە ئالمايدۇ، ئىشىنىش قابىلىيىتىنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇنى ئارقىسىغا سالىدۇ-دە، ئۇ ئازغۇنلارنىڭ سېپىگە قوشۇلىدۇ.
ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇ كىشىنى مەزكۇر ئايەتلىرىدىن پايدىلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلدۈرەتتى. لېكىن ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ بۇنى خالىشىنى خالىمىدى ۋە كېرەكلىك غەيرەتنى كۆرسەتمىدى. ئۆزىنىڭ مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىنى ئويلاپ دۇنياغا بېرىلىشنى تاللىدى، ئۆزىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتنىڭ ئەسىرى قىلدى، پىترىتىدىكى پاكىز روھ ۋە زېھنىدىكى ئالىي قابىلىيەتلەر ئۇنى ئىمانغا چاقىرىۋاتقان تۇرۇپ ئۇ نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ۋە كۆڭلىنىڭ ئارزۇلىرىغا بويسۇندى.
ئۇ بۇ ئەھۋالدا ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنسانلىق قىممىتىنى ۋە ئادەملىك ئالاھىدىلىكىنىمۇ يوقاتقانلىقى ئۈچۈن 176- ئايەتتە ئۇنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئەھۋالى ئىسسىقتىن ياكى باشقا بىر قىيىنچىلىقتىن تىلىنى ساڭگىلىتىپ داۋاملىق ھاسىرايدىغان، قوغلانسىمۇ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلسىمۇ بىر خىل تۇرىدىغان ئىتنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشىتىلىدۇ.
ئۇنداق كىشىلەر شۇنچىزا جانلىق دەلىللەر كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ بىر خىل تۇرىدۇ، ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. 177- ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ پەس ھالەتكە كېلىشىنىڭ سەۋەبى ئاللاھ تەئالانىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېيىش ۋە ئۇلارنى مەنسىتمەسلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. دېمەككى، ئىنساننىڭ ئورىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى پەقەتلا ئۆزىدۇر، خالاس.
178- ئايەتتە ھىدايەتنىڭمۇ، زالالەتنىڭمۇ ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن ئىنسان ئۆزىنىڭ دائىم ئاللاھقا يۆنىلىشىنىڭ لازىملىقىنى بىلىشىنىڭ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ ياردەم ۋە نۇسرىتىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ياشىشىنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.