جاۋاب:
زاكات، ئۆزىڭىزنىڭ مېلىغا ئايرىلغان زاكات بولسا بولمايدۇ. چۈنكى زاكات ئايرىغۇدەك پۇل – مېلى بار كىشى پۈتۈن خەج – خىراتلىرىنى ئۆز مېلىدىن قىلىشى لازىم. ئەگەر زاكات باشقىلارنىڭ مېلىغا ئايرىلغان زاكات بولۇپ، سىزنىڭ ئۇنىڭغا ئېھتىياجىڭىز بولسا ۋە ئۇلار سىزگە بىر مىقدار زاكات بەرگەن بولسا، ئۇنى ئېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئېلىم ئوقۇشنى ياكى قانداقلا بىر ئىشنى باھانە قىلىپ ئۆزىنىڭ زاكىتىنى يېيىش، مېلىغا زاكات ئايرىمىغانلىق بولىدۇ.