ئاياللارنىڭ سەپىرىدە مەھرەم شەرتى
ئاياللار ۋۇجۇد جەھەتتىن ئەرلەرگە قارىغاندا ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن يامان نىيەتلىك كىشىلەردىن ئىپپەت – نومۇسىنى، ئوغرى – قاراقچىلاردىن مال – مۈلكىنى ساقلاشتا يېتەرسىز قالىدۇ. ئىنسانلار ھەر جەھەتتىن جاھىلىيەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بىر زاماندا ۋە شۇنداق بىر ماكاندا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا مەھرەمسىز سەپەرگە چىقماسلىق توغرىسىدا پەرقلىق تەلىماتلار بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
بەزى رىۋايەتلەردە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللارنى بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى بايان قىلىنسا، بەزى رىۋايەتلەردە ئىككى كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ئۈچ – كېچە كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشتىن توسقانلىقى رىۋايەت قىلىنسا، بەزى رىۋايەتلەردە مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشتىن مۇتلەق (يەنى ھېچ ۋاقىتقا باغلىق بولماستىن) توسقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بەزى رىۋايەتلەردە ئاياللار يالغۇز سەپەرگە چىقالايدىغان بىر زامانلارنىڭ كېلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ئىشارەتنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدىكى يوليورۇقلىرىنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكى ۋە ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقالايدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن بېشارىتى، ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنىڭ چەكلىنىشىنىڭ سەۋەبكە باغلىق بىر چەكلىمە ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا چەكلەيدىغان سەۋەب يوقالغان ھامان ئۇ چەكلىمىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. مەزكۇر رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1) بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ، بىر كېچە – كۈندۈزلۈك سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشى ھالال ئەمەس»[1].
2) ئىككى كۈنلۈك سەپەر
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى ئىككى كۈنلۈك سەپەرگە، يېنىدا ئېرى ياكى مەھرىمى بولمىسا چىقمىسۇن»[2].
3) ئۈچ كۈنلۈك سەپەر
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر ئايالنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ۋە ئۈچ كۈنلۈكتىن ئارتۇق سەپەرگە، يېنىدا دادىسى ياكى ئوغلى ياكى ئېرى ياكى ئەر بىر تۇغقىنى ۋە ياكى ئۆزىگە مەھرەم كېلىدىغان بىر تۇغقىنى بولماستىن چىقمىسۇن»[3].
4) باشقا سەپەر
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەرگە چىقمىسۇن»[4].
2. ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپىرى
1) پەيغەمبىرىمىزنىڭ بېشارىتى
ئەدى ئىبنى ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدىم. بىر ئادەم كەلدى ۋە پېقىرلىقتىن دەرد تۆكتى. بۇ ئەسنادا يەنە بىر ئادەم كېلىپ يولدىكى بۇلاڭ – تالاڭلاردىن دەرد تۆكتى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قاراپ: «ئى ئەدى! سەن ھىرە[5] شەھىرىنى كۆردۈڭمۇ؟» دېدى. مەن: ياق، كۆرمىدىم، لېكىن ئاڭلىدىم دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
«ئەگەر ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسا، تۆگىسىنى مىنگەن بىر ئايال ھىرەدىن يولغا چىقىپ، مەككىگە كېلىپ كەبىنى تاۋاف قىلغانلىقىنى چوقۇم كۆرىسەن. ئۇ، بۇ يولۇچىلىقىدا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ». …….
ئەدى يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن تۆگىسىگە مېنىپ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمىغان ھالدا ھىرەدىن كېلىپ بەيتۇللاھنى تاۋاف قىلغان ئايالنى كۆردۈم……»[6].
2) ساھابىلەرنىڭ تەتبىقى
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا ھەجگە بېرىشلىرىغا رۇخسەت قىلغانلىقى، ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇلارغا مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ[7].
ئۆمەر، ئوسمان، ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى بۇ ئىش توغرىسىدا قارار قىلىشقاندا ھېچبىر ساھابە قارشى چىقمىغان.
قۇرئان كەرىمدە ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھاراملىقىغا دائىر بىر ئىشارەتنىڭمۇ يوقلىقى، بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ پەرقلىق ۋە ھەممىسىنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللار مەھرەمسىز سەپەرگە چىقالايدىغان بىر زاماننىڭ كېلىشىدىن بىشارەت بېرىشى ۋە بۇ بىشارەتنى ئاڭلىغان ساھابىنىڭ مەزكۇر بىشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشى، ساھابىلەرنىڭ تەتبىقى قاتارلىقلار شۇنىڭغا قەتئىي دالالەت قىلىدۇكى:
ئاياللارنىڭ مەھرەمسىز سەپەرگە چىقىشىنىڭ ھاراملىقى سەۋەبكە باغلانغان بىر ھاراملىق بولۇپ، سەۋەب يوق بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ يوق بولىدۇ. سەۋەب مەۋجۇت بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ يەردىكى سەۋەب يولنىڭ خەتەرلىك بولۇشىدۇر.
مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 : 283-287.
[1] بۇخارى، «تەقسىرۇسسالات»، 4؛ مۇسلىم، «ھەج»، 419، 422؛ ئەبۇ داۋۇد، «مەناسىك»، 2؛ تىرمىزى، «رەدائـ»، 15.
[2] بۇخارى، «جەزائۇسسەيد»، 26، «فەزلۇسسالات»، 6، «سەۋم»، 67؛ مۇسلىم، «ھەج»، 415.
[3] بۇخارى، «تەقسىرۇسسالات»، 4؛ مۇسلىم، «ھەج»، 413، 424؛ ئەبۇ داۋۇد، «مەناسىك»، 2؛ تىرمىزى، «رەدائـ»، 15؛ ئبىن ماجە، «مەناسىك»، 7؛ مۇۋەتتا، «ئىستىئزان»، 37.
[4] بۇخارى، «جەزائۇسسەيد»، 24؛ مۇسلىم، «ھەج»، 424.
[5] ھىرە بۈگۈنكى ئىراقنىڭ نەجەف ۋە كۇفە رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر كەنت. ھىرە ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن قاراڭ: ھۈسەيىن ئەلى داكۇكى، «ھىيرە»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1998)، 18: 122.
[6] بۇخارى، «مەناقىب»، 25؛ تىرمىزى، «تەفسىرۇلقۇرئان»، 2.
[7] قاراڭ: بۇخارى، « جەزائۇسسەيد»، 26.