ئاللاھ تائالا بىزگە مۇنداق دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىدۇ:
﴿… وَقَالَ رَبِّ أَوۡزِعۡنِيٓ أَنۡ أَشۡكُرَ نِعۡمَتَكَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَيَّ وَأَنۡ أَعۡمَلَ صَٰلِحٗا تَرۡضَىٰهُ وَأَدۡخِلۡنِي بِرَحۡمَتِكَ فِي عِبَادِكَ ٱلصَّٰلِحِينَ ١٩﴾
«… سۇلەيمان مۇنداق دېدى: «رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر ئېيتىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن. مېنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»-(27-سۈرە نەمل، 19- ئايەت).
﴿وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ إِحۡسَٰنًاۖ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ كُرۡهٗا وَوَضَعَتۡهُ كُرۡهٗاۖ وَحَمۡلُهُۥ وَفِصَٰلُهُۥ ثَلَٰثُونَ شَهۡرًاۚ حَتَّىٰٓ إِذَا بَلَغَ أَشُدَّهُۥ وَبَلَغَ أَرۡبَعِينَ سَنَةٗ قَالَ رَبِّ أَوۡزِعۡنِيٓ أَنۡ أَشۡكُرَ نِعۡمَتَكَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَٰلِدَيَّ وَأَنۡ أَعۡمَلَ صَٰلِحٗا تَرۡضَىٰهُ وَأَصۡلِحۡ لِي فِي ذُرِّيَّتِيٓۖ إِنِّي تُبۡتُ إِلَيۡكَ وَإِنِّي مِنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ﴾
«بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى مۇشەققەت بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى ۋە مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنى قورساقتا كۆتۈرۈش ۋە ئەمچەكتىن ئايرىش مۇددىتى ئوتتۇز ئايدۇر. ئاندىن ئۇ كامالەتكە يېتىپ قېرىق يېشىغا بارغاندا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا-ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن، نەسلىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن. مەن راستىنلا ساڭا يۆنەلدىم ۋە مەن ساڭا تەسلىم بولغۇچىلاردىنمەن»-(46-سۈرە ئەھقاف، 15- ئايەت).