ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان بىرى ئۇنى توغرا شەكىلدە يازسۇن. بۇ خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى، اللەنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتماي يازسۇن. بۇنى ئۇ كىشىگە، قەرزدار بولغان تەرەپ يازدۇرسۇن؛ ئۇ، رەببى اللەدىن قورقسۇن، قەرزىدىن بىر نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر قەرزدار بولغان تەرەپ ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى قانداق يازدۇرۇشنى بىلمەيدىغان بىرى بولسا، ئۇنىڭ ۋەلىيىسى توغرا بىر شەكىلدە يازدۇرۇپ بەرسۇن. بۇ ئىشقا ئەرلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئىككى ئەر گۇۋاھچى تېپىلمىسا، ئۆزۈڭلار قوبۇل قىلىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر بىلەن ئىككى ئايالنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. بۇ، ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئۇنتۇپ قالسا يەنە بىرىنىڭ خاتىرلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر خەت يازالايدىغانلار! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. مۇشۇنداق قىلىش، اللەنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ئەڭ ساغلام، شۈبھىگە چۈشمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئەڭ ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ، ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان بىر تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنى يازماسلىقىڭلاردا سىلەرگە بىر گۇناھ يوقتۇر. ئېلىم – سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. نە پۈتۈكچىگە، نە گۇۋاھچىغا بىر زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر بۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار، توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. اللەدىن قورقۇڭلار. اللە سىلەرگە ئۆگەتمەكتە. اللە ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» (بەقەرە سۈرىسى 282 – ئايەت).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرى:
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە مەدىنىلىكلەر خورما مەھسۇلاتلىرىنى بىر يىللىق، ئىككى يىللىق نەق پۇلغا ساتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «خورمىنى كىم ئالدىن ساتسا، مىقدارىنى ۋە قەرەلىنى تەيىن قىلىپ ساتسۇن» دېدى. (بۇخارى، سەلەم 1، 2، 7؛ مۇسلىم، مۇساقات 127، 128؛ ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 57؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 68؛ نەسەئى، بۇيۇئ 6؛ ئىبنى ماجە، تىجارەت 59).
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم يېمەكلىك نەرسىلەر ياكى باشقا نەرسە توغرىسىدا سەلەم (پۇل نەق، مال نېسى بولىدىغان سودا) توختامى تۈزۈشسە، بۇ مالنى تاپشۇرۇپ ئالماستىن باشقا بىرىگە ساتمىسۇن» (ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 59).
يۇقىرىدىكى ئايەت بىلەن ھەدىسلەرگە ئاساسەن، دېھقانلارنىڭ تېخى كېۋەزلىرى ئېچىلماي تۇرۇپ پاختىلىرىنى نەق پۇلغا سېتىشى، سىزنىڭ ئۇ پاختىلارنى سېتۋېلىشىڭىز جايىزدۇر. چۈنكى:
ئايەتنىڭ بېشىدا ئاللاھ: «ئى مۇئمىنلار! بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار» دەيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى مۇئمىنلارنىڭ ئۆزئارا قىلىشقان مۇئامىلىرىدە بىردە – بىرىگە قەرزدار بولۇشىنىڭ جايىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتتە بۇ قەرزدار بولۇش ھېچبىر شەرتكە باغلانمىغانلىقى ئۈچۈن مالنى نېسى سېتىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان قەرزدارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، مالنى نېسى ئېلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدىغان قەرزدارلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇنى تېخمۇ ئېنىق ئېيتساق، بىر ئادەم بىر مېلىنى نېسى ساتسا يەنى مالنى نەق بېرىپ پۇلىنى كېيىن ئېلىش شەرتى بىلەن ساتسا جايىز بولىدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئادەم پۇلنى نەق بېرىپ مالنى كېيىن تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى بىلەن بىر سودا قىلسا جايىز بولىدۇ. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەر بۇنى بىزگە تېخىمۇ ئېنىق بايان قىلىپ بېرىدۇ.
لېكىن دېھقانلارنىڭ، بۇ سودىدا تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:
1 – مالنىڭ بەدىلىنىڭ (پۇل ياكى باشقا نەرسە) جىنسى ۋە مىقدارى مۇئەييەن بولۇشى، شۇنداقلا ديىشكەن جايدا تاپشۇرۇلۇشى.
2 – مالنىڭ مىقدارى ۋە سۈپەتلىرى مۇئەييەن بولۇشى.
3 – مالنى تاپشۇرۇش ۋاقتىنىڭ مۇئەييەن بولۇشى.
مانا بۇ شەرتلەر يۇقىرىدىكى ئايەت بىلەن ھەدىسلەردىن چىقىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا دېھقانلارنىڭ، تېخى پىشمىغان مەھسۇلاتلىرىنى يۇقىرىدىكى شەكىلدە ۋە يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا سېتىشى جايىز بولىدۇ.