3- سەلەم ۋە ئىستىسنائ
سەلەم پۇل نەق، مال نېسى بولۇش شەرتى بىلەن قىلىنغان سودىدۇر. بۇ قەرەللىك سودىنىڭ ئەكسىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل مۇئامىلە شەكلىدۇر. مالنىڭ مىقدارىنىڭ، ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ، تاپشۇرۇش يېرى ۋە تارىخىنىڭ كېلىشىم ئەسناسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى شەرت. شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا تۈزۈلگەن بىر سەلەم كېلىشىمى بىلەن كەلگۈسى بىر تارىختا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ماللار ھازىر سېتىلغان ۋە بەدىلى نەق ئېلىنغان بولىدۇ.
ئىبىن ئابباس (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئىنسانلار ئىككى يىللىق، ئۈچ يىللىق خورما مەھسۇلاتىنى ئالدىن ساتاتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېدى:
ئىستىسنائ بىر زاكالەت ئېلىم-بېرىم كېلىشىمى، بىر مالنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن كارخانىچى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدۇر. ئىستىسنائنىڭ سەلەمدىن پەرقى پۇلنىڭ نەق بېرىلىشىنىڭ شەرت بولماسلىقى بىلەن مالنىڭ تاپشۇرۇلۇش تارىخىنىڭ مۇئەييەن بولماسلىقىدۇر.
كەلگۈسى بىر تارىختا تاپشۇرۇۋېلىنىدىغان ياكى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر مالنىڭ بەدىلىنىڭ تامامەن ياكى قىسمەن تۆلىنىشى باھانى ئەرزانلاشتۇرىدۇ. نەق 100 لىرا بولغان بىر مالنىڭ ئىككى ئاي قەرەللىك باھاسى 110 لىرا بولسا بەدەلنىڭ تامامى ئىككى ئاي ئىلگىرى بېرىلگەن تەقدىردە باھاسى 90 لىرا ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىمۇ بىر مال سودىسى قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بەلكى بۇ ئۆسۈمسىز سەرمايە ھاسىل قىلىش يولىدۇر.
[1]– بۇخارى، سەھىھ، سەلەم 2.