ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! «ھۈكۈمنى كىشلەر چىقارغان قانۇن بۇيىچە چىقرىدىغان» يەردە ئادۋوكات بەك لازىم بولىدۇ. بۇنداق يەردە ياشاۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا شۇ ئىشنىڭ مۇتەخەسىسىسى بولغان ئادۋوكاتتىن ياردەم ئالمىسا قانداق قوغدايدۇ؟ ئۇلار تامامەن زۇلۇمغا ئۇچراپ كېتىشتىن ياكى تېخىمۇ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچراپ كېتىشتىن قانداق ساقلىنىدۇ؟
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى ياخشى ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى بىر يامان (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ، اﷲ ھەممە ئىشقا قادىردۇر» ـ (نىسا سۈرىسى 85 ـ ئايەت).
شاپائەت دېگەن باشقىسىنى قوللاپ ـ قۇۋۋەتلەش، باشقىسىنى ھىمايىسىگە ئېلىش، باشقىسىغا ياردەم قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىش دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. ئادۋوكاتنىڭ قىلغىنى مەۋجۇت سىستېما دائىرىسى ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش، ئۇلارغا بۇ توغرىدا ياردەم قىلىش ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭ نېمىسى يامان؟
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىرسى گۇۋاھلىق بېرىپ: «يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئالدىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇنىڭ (يەنى زۈلەيخا) نىڭ سۆزى راست، يۈسۈفنىڭ سۆزى يالغان(26). يۈسۈفنىڭ كۆڭلىكى ئارقىسىدىن يىرتىلغان بولسا، ئۇ (يەنى زۈلەيخانىڭ) سۆزى يالغان يۈسۈفنىڭ سۆزى راست» دېدى(27).» ـ (يۇسۇف سۈرىسى 26 ـ ۋە 27 ـ ئايەتلەر).
يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ جىنايەت ئۆكۈزمىگەنلىكىنى مانا مۇشۇنداق ئىسپاتلىغان كىشىگە ھازىرقى زاماندا قانداق كەسپىي ئىسىم بېرىلىدۇ؟ قىلغان ئىشىغىچۇ؟
بۇنداق دېسەم بەزىلەرنىڭ «غۇرۇرى» تۇتۇۋېلىشى مۇمكىن، ياكى بەزىلەر «ھاياجانلىنىپ» كېتىشى مۇمكىن، ھەتتا بەزىلەرنىڭ «چىچاڭلاپ» كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئۇلاردىن سورايمەنكى: «كىشلەر چىقارغان قانۇن بويىچە» ھۆكۈم قىلىنىدىغان جايلاردا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق ـ ھوقۇقى يوقمۇ؟ ئۇلار ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى مۇداپىئە قىلىشتا باشقىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىمىسۇنمۇ؟