ئاتا-ئانىڭىزغا ياخشىلىق قىلىڭ!
تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
قېرىنداشلار! بىزنىڭ ئاتا – ئانىمىزنىڭ ھەقلىرىنى تونۇشىمىز ۋە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشىمىز، اللە تەئالا زىممىمىزگە يۈكلىگەن بىر ۋەزىپە، بىزگە قىلغان بىر بۇيرۇق، بىزگە قاراتقان بىر ھۆكۈم، قىسقىسى ئۇ بىر پەرز!
ھەممىمىزگە مەلۇم بىزنىڭ دىنىمىزدا «دادىلار كۈنى» ياكى «ئانىلار كۈنى» دېيىلىدىغان بىر كۈن يوق. چۈنكى دىنىمىزدا ھەر كۈن دادىلار كۈنى، ھەر كۈن ئانىلار كۈنى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاتا -ئانىلارنىڭ كۆڭلى، ئۆز ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر دائىم كۆرگەن ياخشى مۇئامىلە سەۋەبىدىن ھەر كۈنى خۇش تۇرىدۇ ۋە خۇش تۇرۇشى لازىم! دىنىمىز بىزنى بۇنىڭغا ئەمر قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ، ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنىڭ تونۇغاندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى بولۇپمۇ ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئىنسانلار بولغان ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى تونۇۋېلىشى ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇ ھەقلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك.
مەن (ئەبۇلفاتىھ) تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا «ئاتا – ئانا ھەقلىرى» ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. مەقسىتىم ھەر بىرلىرىگە بۇ ھەقتە بىر مەلۇمات سۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى
اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: اللەدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماڭلار ۋە ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: «ئۇفف!» دېگەن سۆزنىمۇ قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. (ئۇفف! دېگەن سۆز، بەزگەنلىكنى ۋە زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ).
ئۇلارغا مېھرىبانلىق ۋە كەمتەرلىك بىلەن قول – قانات بولغىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغىن: «رەببىم! ئاتا – ئانام ماڭا كىچىكلىكىمدە تەربىيىلەپ قانداق ياخشىلىق قىلغان بولسا، سەن ئۇلارغا شۇنداق ياخشىلىق قىلغىن!»،
رەببىڭلار ئىچىڭلاردىكىنى ئۇبدان بىلىدۇ. ئەگەر ياخشى كىشىلەر بولساڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى اللە تەۋبە قىلغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر» (ئىسرا 17/23 – 25).
بەقەرە 2/83- ئايەت، نىسا4/36- ئايەت، ئەنئام 6/151- ئايەت، ئەنكەبۇت 29/8- ئايەت، لوقمان 31/14- ئايەت، ئەھقاف 46/15- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ يقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئوخشاشتۇر.
بۇ ئايەتلەر، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز ئەۋلاتلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:
1 – ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئۆزىدىن ۋە خوتۇن – بالىلىرىدىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش.
ئىسرا سۈرىسىنىڭ 23 – ئايىتىنىڭ (يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتنىڭ) مەتنىنىڭ بېشىدىكى «قەزا» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى ۋە «ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار» دېگەن جۈملىنىڭ باشتىكى جۈملىدىن پەرقلىق ھالدا بولۇشلۇق شەكىلدە كېلىشى، بۇ ئىشنىڭ سەل قاراشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر ئىلاھى پەرمان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2 – ئاتا – ئانىلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك.
3 – ئاتا – ئانىلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋاقىراش ياكى قوپال گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق.
4 – ئاتا – ئانىلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش.
5 – ئاتا – ئانىلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش.
6 – ئاتا – ئانىلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇشىمىز. (لوقمان سۈرىسىنىڭ 14- ئايىتىنىڭ بىر قىسمى بۇنىڭغا بۇيرۇيدۇ).
7 – ئاتا – ئانىلارغا ئىتائەت قىلىش.
ئەسكەرتىش: ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزغا خىلاپ بولماسلىقى شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» بۇ ھەدىس ئۈچۈن (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد) قا قاراڭ.
مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ھەدىس: «اللەنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ اللەغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ» (مۇسنەدى ئەھمەد 1/129؛ 1/131).
8 – باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەتلىمەسلىك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىشى ئەڭ چوڭ گۇناھلاردىندۇر» دېگەن ئىدى، يېنىدىكى ساھابىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاتا – ئانىسىنىمۇ تىللامدۇ؟» دېيىشتى؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ، بىر كىشى باشقا بىر كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى بۇ كىشىنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ» دەپ ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
9 – ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. لوقمان سۈرىسىنىڭ 15- ئايىتىنىڭ مەزمۇنى ۋە 7- ھەقتە زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بۇنى كۆرسىتىدۇ.
10 – ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن اللە تەئالاغا دۇئا قىلىش.
11 – ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. چۈنكى بۇ، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
12 – ئۇلارنىڭ دوست – بۇرادەرلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش.
مانا بۇلار، يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇنلار. مانا بۇلار، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى. بۇ ھەقلەرگە رىئايە قىلىش بىزنىڭ زىممىزگە يۈكلەنگەن.
ھەقىقەت ۋە نەسىھەت
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! ئويلاپ باقىدىغان بولساق ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقلىرى ناھايىتى كۆپ، بىزنى ئادەم قاتارىغا قوشۇش يولىدا تارتقان جاپالىرى ئىنتايىن جىق، كىچىكلىكىمىزنى بىر ياد ئېتىپ باقايلى قېنى:
ئانىمىز بىزنى 9 ئاي ئەتراپىدا قورسىقىدا كۆتۈرگەن، بۇ ئەسنادا چەككەن جاپا – مۇشەققەتلىرىنى بىر اللە بىلىدۇ، بىر ئۆزى بىلىدۇ. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا يۇغىنىغانسېرى ئانىمىزنىڭ خاپىلىقى شۇنچە يۇغىنىغان، كۈندىن – كۈنگە ئاجىزلاشقان، دەرد ئۈستىگە دەرد تارتقان.
بىزنى تۇغقان چېغىدا ئۆلۈمنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن، لېكىن بىزنى يېنىدا كۆرۈپلا پۈتكۈل دەرد – ئەلەملىرىنى ئۇنتۇپ بارلىق ئارزۇ – ئۈمىدىنى بىزگە باغلىغان ۋە ھاياتنىڭ خۇشاللىقىنى بىزدە ھېس قىلغان.
ئاندىن كېچە – كۈندۈز بىزنىڭ خىزمىتىمىز بىلەن مەشغۇل بولغان؛ بىزگە سۈتىنى رىزىق، قۇچىقىنى ئۆي، قولىنى ۋە سىرتىنى ئۇلاغ قىلىپ بەرگەن. بىزنى تويسۇن دەپ ئۆزى ئاچ قالغان، بىزنى ئۇخلىسۇن دەپ ئۆزى ئۇيقۇسىز قالغان، بىزنى راھەت ئالسۇن دەپ ئۆزى قىينالغان، بىزگە ھەر دائىم مېھرىبانلىق كۆرسەتكەن، يۈرىكى بىز ئۈچۈن سوققان، ئەقلى بىز ئۈچۈن چۈشەنگەن، قىسقىسى بارلىقى بىزگە ئاتالغان.
بىز ئانىمىز نېرى كەتسە چاقىرىمىز، چىرايى ئۆزگىرىپ قالسا غەمكىن بولىمىز، بىر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىساق ئانىمىزدىن ياردەم تىلەيمىز، پۈتكۈل ياخشىلىقنىڭ ئانىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئويلايمىز، ئانىمىزنىڭ قۇچىقىدا ياكى يېنىدا بولساقلا بىزگە بىر يامانلىق يەتمەيدۇ دەپ چۈشىنىمىز. قىسقىسى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئانىمىز بىزنىڭ ھەر نەرسىمىز ۋە ھەممە نەرسىز.
دادىمىزغا كەلسەك، دادىمىز بىزنى دەپ جاپالىق ئىشلەيدۇ، بىزنى دەپ ئۇزۇن سەپەرلەرگە چىقىدۇ، بىزنى دەپ بارمىغان چۆل، ئاياغ باسمىغان شەھەر قالمىغىلى تاس قالىدۇ، بالامنى ئۇبدان باقىمەن دەپ ئۆزىنى تەھلىكىلەرگە ئاتىدۇ، مىڭبىر قىيىنچىلىق بىلەن تاپقان پۇلىنى بىزگە چىقىم قىلىدۇ، بىزنى تەربىيىلەيدۇ، بىزگە كېرەكلىك بولغان ھەر ئىشنى قىلىپ بېرىدۇ، يېنىغا كىرسەك سۆيۈنۈپ كېتىدۇ، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، قۇچاقلاپ يۈز – كۆزلىرىمىزگە سۆيىدۇ، باغرىغا باسىدۇ، يېنىدىن چىقساق يۈرىكى بىز بىلەن بىللە چىقىدۇ.
ئەنە شۇلار بىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمىز! ئەنە شۇ بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ھالىتىمىز! ئەنە شۇ باسقۇچلاردىن ئۆتكەن بىر ئىنساننىڭ، يۇغىناپ ئادەم قاتارىغا قوشۇلۇپ بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلماسلىقى نېمىدېگەن ئىمانسىزلىق، بەلكىدە نېمىدېگەن ۋىجدانسىزلىق- ھە!
قېرىنداشلار! بۇ تېمىنى تۆۋەندىكى بىر ئايەت ۋە ئىككى ھەدىس بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق، ئانىسى ئۇنى قورسىقىدا ئۈستى – ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. ئى ئىنسان! ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن» (لوقمان سۈرىسى 14– ئايەتنىڭ بىر قىسمى).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:
«بالا ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرالمايدۇ، پەقەت بالىنىڭ ئاتىسى قۇل بولۇپ، بالا ئۇنى سېتىۋېلىپ ئازاد قىلسا، ئاندىن ئاتىسىنىڭ ياخشىلىقىنى قايتۇرغان بولىدۇ» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
«ئاتىسى بىلەن ئانىسى ياكى ئۇلاردىن بىرى قېرىغۇچە ياشاپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ جەننەتكە كىرەلمىگەن كىشى خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن! خاروزار بولسۇن!» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.