قۇرئان يولى

ئائىلە ھاياتى\ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيىتى

     ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرى

1)     ئىتائەت قىلىش

ئايال گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… فَإِنۡ أَطَعۡنَكُمۡ فَلَا تَبۡغُواْ عَلَيۡهِنَّ سَبِيلًاۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيّٗا كَبِيرٗا  ٣٤﴾

«ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا قارشى باشقا يول ئىزدىمەڭلار»[1].

يەنى ئەگەر ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىسلامغا ۋە ئەقىلگە بۇيرۇقلىرىڭلارنى قوبۇل قىلسا ئۇلارغا يولسىزلىق قىلماڭلار، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى ئايەتتىكى «ئىتائەت»نىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلار بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:

«ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»[2]، «ئاللاھقا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»[3].

2)     ئابرۇي، شەرەپ ۋە مال – مۈلكىنى ساقلاش

ئايال ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى، شەرىپىنى ۋە ئىناۋىتىنى قوغدىشى، مال – مۈلكىگە، بالىلىرىغا ۋە ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… فَٱلصَّٰلِحَٰتُ قَٰنِتَٰتٌ حَٰفِظَٰتٞ لِّلۡغَيۡبِ بِمَا حَفِظَ ٱللَّهُۚ …  ٣٤﴾

«ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر ۋە ئاللاھ ساقلىغانلىقى ئۈچۈن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر»[4].

يەنى ئاللاھ تائالا ئاياللارغا مىراستىن ھەسسە بەردى[5]. ئۇلارغا چاپلانغان بوھتانلارنىڭ تۆت گۇۋاھچى بىلەن ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەگەر بوھتان چاپلىغۇچى دەۋاسىنى تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئىسپاتلىيالمىسا، ئۇنىڭ يالغانچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سەكسەن دەررە ئۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى[6]. تېخى كىچىك چېغىدىلا تىرىك كۆمۈۋېتىلىدىغان ئاياللارنىڭ[7] ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى[8] ۋە ئۇلارنىڭ ياخشىلىق قىلىنىشى پەرز بولغان ئانا[9]، ئىلاھىي ئامانەت سۈپىتىدە ساقلىنىشى پەرز بولغان رەپىقە[10]، ئاسراپ بېقىلىشى، ھىمايە قىلىنىشى، كۆڭۈل بۆلۈنۈشى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى پەرز بولغان قىز پەرزەنت[11] بولغانلىقى ئەسلىتىلدى. مانا ياخشى ئاياللار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىنايەت ۋە ئىلتىپاتى سەۋەبىدىن يالغۇز چاغلىرىدا ئۆزلىرىنى ساقلايدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلغىمايدۇ ۋە ئەرلىرىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزمەيدۇ. قىسقىسى ياخشى ئاياللار: «ئاللاھ ماڭا نۇرغۇنلىغان ھەق – ھوقۇقلارنى بېرىپ مېنى قوغداپتۇ، مەن ئۆزۈمنى قوغداي» دېگەن ئېتىقاد بىلەن ياشايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «تۆت گۇۋاھچى بىلەن ئىسپاتلاش» بۇيرۇقىنى ھەرگىزمۇ سۇيىئىستېمال قىلمايدۇ.

﴿وَقُل لِّلۡمُؤۡمِنَٰتِ يَغۡضُضۡنَ مِنۡ أَبۡصَٰرِهِنَّ وَيَحۡفَظۡنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ…  ٣١﴾

«مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن، زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن»[12].

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قارىساڭ، سېنى خۇشال قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىساڭ ئىتائەت قىلىدىغان، يېنىدا يوق چېغىڭدا ئۆزىنى ۋە مال – مۈلكىڭنى سەن ئۈچۈن قوغدايدىغان ئايال، ئەڭ خەيرلىك ئايالدۇر»[13].

3)     ئاتا – ئانىسى ۋە تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش

ئايال، ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ۋە تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم. چۈنكى ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ۋە تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئېرىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىق بولىدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەر – ئاياللارنىڭ ھەر بىرى مەيلى ئورتاق مەسئۇلىيەتلەر بولمىسۇن، مەيلى ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىگە ئايرىم ھالدا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتلەر بولمىسۇن يۇقىرىدىكى مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەستايىدىللىق بىلەن رىئايە قىلسا، ھەم ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ھەم ئائىلسىنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ.

[1] 4 – سۈرە نىسا، 34 – ئايەت.

[2] مۇسلىم، «ئىمارەت»، 39؛ ئەبۇ داۋۇد، «جىھاد»، 94؛ نەسەئى، «بەيئەت»، 34؛ ئىبنى ماجە،  «جىھاد»، 40.

[3] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 1: 129، 1: 131.

[4] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 34 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 7 -، 11 -، 12 – ۋە 33 – ئايەتلەر.

[6] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 4 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 59 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 195 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 25 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ئايەت؛ 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 83 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 151 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 15 – ئايەت.

[10] قاراڭ: ۋىدا خۇتبىسىنىڭ ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى (مۇسلىم، «ھەج»، 147؛ ئەبۇ داۋۇد، «مەناسىك»، 56).

[11] قىزلار ئوغۇللارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قىلغان ھەدىيەسىدۇر (قاراڭ: 42 – سۈرە شۇرا، 49 – ئايەت)، زىبۇزىننەت ئىچىدە بېقىلىشى ۋە ھايالىق قىلىپ تەربىيەلىنىشى كېرەك بولغان بالىدۇر (قاراڭ: 43 – سۈرە زۇخرۇف). شۇنىڭ ئۈچۈن قىز بالىسىغا يامان كۆز بىلەن قارىغان، يامان مۇئامىلە قىلغان ۋە ياشاش ھوقۇقىغا رىئايە قىلمىغان ئاتىلار قاتتىق ئەيىبلىنىدۇ، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 58 – ۋە 59 – ئايەتلەر؛ 81 – سۈرە تەكۋىر، 8 – ئايەت).  

[12] 24 – سۈرە نۇر، 31 – ئايەت.

[13] ئەبۇ داۋۇد تەيالىسى، مۇسنەد، 4: 87.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر